چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» نى تەبرىكلىدى
2020.05.05
2020-يىلدىكى «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» خىتايدا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك، دۇنيا بويىچە كارانتىن تەدبىرلىرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيىغا توغرا كەلدى.
«5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بېشىغا چىرايلىق ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيگەن رەسىملىرى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى فەيسبوك، تۋىتتېر، ۋاتساپپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىگە يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
5-ماي كۈنى يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسىدا، «ئۇيغۇر دوپپا #خەشتەگ پائالىيىتى» قاتارلىق پائالىيەتلەر تۋىتتېر، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلدى.
چىرايلىق ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار، يازما ۋە ئاۋازلىق ئىنكاسلىرىدا، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە تۇغقانلىرىنىڭ دوپپا كىيگەن رەسىملىرىنى يوللاپ، دۇنيا جامائىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» نى، «ئۇيغۇر دوپپا #خەشتەگ» پائالىيىتى شەكلىدە تەبرىكلەش تەشەببۇسىنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
«5-ماي ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت» بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە «ئۇيغۇر دوپپا #خەشتەگ» پائالىيىتىگە يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ھەر قايسى ئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان.
مەزكۇر پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇپ، تۋىتتېر ۋە فەيسبوكقا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيگەن رەسىمىنى يوللىغان خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جېسسىكا ئىنگرام خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر دوپپا خەشتەگ #» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» بارلىققا كەلگەن تارىخىي شارائىت ھەققىدە توختىلىپ، 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا قوزغالغان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش تەششەببسى بىلەن 2010-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» پائالىيىتىنىڭ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى قىزغىن تەبرىكلىنىشىگە شاھىت بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى پائالىيىتى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئوقۇۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئومۇمىي مىللىي ئەنئەنىۋى پائالىيەتكە ئايلانغان. بۇ خىل «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» نى كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش تاكى 2017-يىلدىكى قاتتىق تەقىبلەش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈلگەنگە قەدەر داۋاملاشقان.
ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم يەنە نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ بۇ خىل ئومۇمىي تەبرىكلەش كەيپىياتىغا ئايلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر دوپپا خەشتەگ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش تۈرلۈك شەكىللەردە داۋاملىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، دوپپا مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم يادرولىرىنىڭ ۋە تىپىك سىمۋوللىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى، باشقىلارغا تونۇتۇشنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت پائالىيىتىدۇر.
ئۇ سۆزىدە، مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلار قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلۇق مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئارقىلىق يەنە دۇنيا جامائىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش مەقسىتىگىمۇ يېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن شۇ دۆلەتلەردىكى ئۆيدە تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئارىلىق تۇتۇش بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆز ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، كوللېكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن مىللىي كىيىملىرى ۋە دوپپىلىرىنى كىيىپ جامائەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دوپپا بايرىمىنى خاتىرىلەشنى بۇ يىل ئۆز ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتكەنىدى.









