«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» 3-ماي كۈنى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» دە 2024-يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» نى ئېلان قىلدى. كۆرسەتكۈچكە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادا تۈرمىگە قامالغان 300 دىن ئارتۇق ئاخبارات خادىمىنىڭ 119 نەپىرى خىتايدا ئىكەن.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP) يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھۋالىغا دائىر بىر ئىستاتىستىكا دوكلاتى ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 3814 ئادەم تۈرمىدە ئىكەنلىكى؛ خىتاي مىقياسى بويىچە تۈرمىگە سولانغان خىتايلار ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 80 نەپەر ئىكەنلىكى؛ بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۈرمىگە قامىلىش نىسبىتى خىتايلارغا قارىغاندا 47 ھەسسە كۆپلۈكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى بەن كاردۇس (Ben Carrdus) بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ رەقەم «تۈرمىگە قامالغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ» دەپ داڭق چىقارغان ئەل-سالۋادوردىكى تۈرمە تۇتقۇنلىرىدىنمۇ ئۈچ يېرىم ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2019-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان 111 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 58 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇلغان ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە يەنە 2016-يىلى تۇتۇلۇپ، 16 يىللىق كېسىلگەن داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى يالقۇن روزى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىدىن خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئاخبارات خادىملىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا، ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ۋەكىلى (CPJ's China representative) ئايرىس سۇ (Iris Hsu) خانىم ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.
ئۇ جاۋاب خېتىدە ئالدى بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ جازالىنىشتىن، پاراكەندىچىلىككە، توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن خالىي ھالدا، قورقماستىن ئاممىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي دائىرىلىرى مۇستەقىل ئاخبارات خادىملىرىنى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا باستۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ باستۇرۇش خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆلچەملىك ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چىدىماسلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خىتاي ئەزەلدىن ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە تەنقىدىي شەكىللىك ئاخباراتنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسىلە چىققاندا ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئەكسىچە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرىدۇ. »
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئاخبارات خادىملىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار. تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ‹دۆلەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى› بىلەن ئەيىبلىنىپ، نەچچە ئون يىل ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېغىر باستۇرۇشلىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ، قىلغان ۋەھشىيلىكىنى يوشۇرۇش ۋە رەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەقەلەرنىڭ خەۋەر قىلىنىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.»
35 يىل ئۇيغۇر رايونىدا مۇخبىرلىق ۋە مۇھەررىرلىك بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان سەلىمە كامال خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاخبارات مۇھىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ «كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەمما يازغىلى بولمايدىغان» نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرىدىن 4 كىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ھەتتا بىرسىنىڭ بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان.
ئايرىس سۇ خانىم دەل مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا مۇخبىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا قارىتا مۇنداق دەپ يازغان: «ئاخباراتچىلىق بىر جاپالىق خىزمەت. كەسىپداشلىرىمىز بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى بىلەن خەۋەرنى يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى ئارىسىدىكى قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. مەيلى سىزنىڭ تاللىشىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز سىزنى قوللايمىز. »
ئۇ ئاخىرىدا خىتايدا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغانلارغا ياردەم بېرىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالىمىز، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ۋەقەلەرنى ئىزچىل ۋە توغرا خاتىرىلەپ مېڭىش ۋە ھەر پۇرسەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاشتۇر. »
«دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاخبارات خادىملىرى ۋە يازغۇچىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى قايتىدىن كەڭ دائىرىدە ھەمبەھىرلىگەن. بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي خەلق رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى مەمەتجان ئابدۇللا 2009-يىلى قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. «سەلكىن تورى» نىڭ تور باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن «ياۋ كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى سەۋەبلىك 2003-يىلى نويابىردا 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. خوتەن ۋىلايىتى ۋە چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى گۈلنىسا ئىمىن 2018-يىلى دېكابىر ئېيىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.