دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى يازغان «خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ كۈچ بولۇش ھەۋىسى: خىتاي چۈشى» ناملىق كىتاب 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلدىكى چىنار ئالتى نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى.
كىتاب 3 قىسىم 300 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمىغا «خىتاينىڭ خاراكتېرى تويماسلىق» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان. بۇ قىسىمدا خىتاينىڭ ھۇن ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمىغا «خىتاينىڭ تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ غەربىي دىيار نەزەرىيەسى، خىتاينىڭ تۈركىستان سىياسىتى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى-دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ جان تومۇرى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇدىيىتى، خىتاينى ياخشى چۈشەنگەن ھالدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يۈرگۈزۈش كېرەك، قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردىكى مۇھاكىمىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىغا «خىتاي، تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى توغرىسىدىمۇ تەكلىپلەر بېرىلگەن.
بىز مەزكۇر كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ كىتابقا نېمە ئۈچۈن «خىتاي چۈشى» دەپ نام قويۇلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى يازغان «خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇش ھەۋىسى: خىتاي چۈشى» ناملىق تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابتا قانداق مەسىلىلەر يورۇتۇلغان؟ ئاپتوردا بۇ كىتابنى يېزىش پىكرى قانداق پەيدا بولغان؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن ۋاقتىدا ئۆزىدىن «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنچىلىۋالا زۇلۇم قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ ئەڭ كۆپ سورالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ كىتابتا يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشقانلىقىنى بايان قىلدى.
فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى كىتابنى كۆپرەك خىتايچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يازغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ئاشۇ سوئالىغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتىم. بولۇپمۇ «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى» دېگەن قىسىمدا ئىككى سەۋەبنى كۆرسەتتىم. بۇنى ماددىي ۋە مەنىۋى سەۋەبلەر نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويدۇم. كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا خىتاينىڭ غەربىي رايون نەزەرىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەشھۇر خىتاي گېنېرال ليۇ ياجۇنىڭ ‹غەربىي رايون نەزەرىيەسى› ناملىق ماقالىسىنى ئۆتكەن يىلى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان ئىدىم. تۈركىيەدە زور تەسىر قوزغىدى، مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار كۆپ ئىشلەتتى. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوقۇرمەنلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. ئىككىنچى قىسىمدا يەنە خىتايدا ئېلان قىلىنغان ‹خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق توغرا ھەل قىلىش كېرەك؟› دېگەن ماقالىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. قىسقىسى، بۇ قىسىمدا پۈتۈنلەي خىتايچە ماقالىلەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردۇم.»
دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا ئۆزىنىڭ 2017-يىلىدىن تارتىپ يازغان ماقالىلىرىگە يەر بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى كىتابىدا «خىتاي چۈشى» نىڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا، كېيىنچە پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇش ھەۋىسى: خىتاي چۈشى» ناملىق كىتابىنىڭ تۈركلەرنىڭ خىتاينى چۈشىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن قانداق رولى بار؟ ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى.
دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى 1962-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، 1983-يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ بېيجىڭدىكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن 1987-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر مۇستەقىل تەتقىقاتچى بولۇپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا.
0:00 / 0:00