خىتاي زىيانكەشلىكىنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە قۇربانلىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار (1)
2022.11.19
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەندەك ناملاردا تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ھازىر ئاللىقاچان خىتاي چېگرىسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ «سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشقانلار»نى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر بولغانلارنى «ئوۋ نىشانى» قىلىۋاتقانلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم مۇتەخەسسسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بۇ ساھەدىكى مۇتەخسسسلەردىن ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «تېكساس A&M ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پروفېسسورى ئېدۋاد لېمون (Edward Lemon)، «ۋىلسون خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى»نىڭ تەتقىقاتچىسى برادلېي جاردىن (Bradley Jardine) ۋە «ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئامۇ دەرياسى جەمىيىتى»نىڭ خادىمى ناتالىيە خال (Natalie Hall)نىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن «يەر شارىلىشىش» ژۇرنىلىدا 1-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلىرى بىر قەدەر سىستېمىلىق شەرھىيلەندى.
ئاپتورلار ئەڭ تىپىك مىسال قاتارىدا تىلغا ئالغان ئابلەت مەخسۇت ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكا پۇقراسى سۈپىتىدە ماساچۇسسېتس شىتاتىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئون نەچچە كىشى 2015-يىلىدىن تارتىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئارىلىقتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭغا توختىماي تېلېفون قىلىپ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى «بۆلگۈنچى كۈچلەر»نىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە بېسىم قىلغان. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېسىم ۋاقتى توشقاندا، ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى كۈتۈۋاتقان ئابلەت ئويلىمىغان يەردىن بىر قىسىم تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ تېخىچە قاماقتىن بوشىتىلمىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇ «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ھەققىدە ئارتۇق داۋراڭ سالمىسام، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى كېپىللىككە ئىگە بولىدۇ» دېگەن قارىشىنىڭ ئۈزېل-كېسىل خاتا ۋە بالىلارچە خىيال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، 2020-يىلىدىن باشلاپ بۇ ئىشلارنى ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەن.
«چەت ئەللەرگە قولى يېتىش- قۇدرەتنىڭ بەلگىسى ئەمەس!»
ئاپتورلار 2014-يىلىدىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى ئىشلاردىن ئاز دېگەندىمۇ يەتتە مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئابلەتكە ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىشنى خالىمىغانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ خىل چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى ھەرقاچان ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى «سىياسىي بىلەن ئارىلاشقان» كىشىلەرگە ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر بولغان كىشىلەرگە مەركەزلەشكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل پاراكەندىچىلىك سېلىش، نازارەت قىلىش، جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچراش قاتارلىق شەكىللەرنى ئاساس قىلغان زۇلۇملار ئۇيغۇر دىياردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى بىلەن ماس ھالدا ئېشىپ ماڭغان. ئاپتورلار توپلىغان سانلىق مەلۇماتلار تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى خىتاي ئۈچۈن «نىشان» بولىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن دولقۇن ئەيسا ياكى رابىيە قادىرغا ئوخشاش كىشىلەردىن باشقا كۆپ قىسىم «نىشانلار»نىڭ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن تۈرلۈك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلغان.
ماقالە ئاپتورلىرىدىن پروفېسسور ئېدۋارد لېمون بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا دۇنياغا «يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ» دەپ تونۇلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ «قۇدرەت تاپقانلىقى»نىڭ ئىپادىسى ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ قۇدرەت تاپقانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس. ماقالىمىزدە بىز يەتتە مىڭدىن ئارتۇق دېلودىن تەركىب تاپقان سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدىن مىسال ئالغان ھالدا خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زىيانكەشلىكىنىڭ 1997-يىلىدىن تارتىپ 44 دۆلەتكە كېڭەيگەنلىكىنى، بۇ ھالنىڭ 2014-يىلىدىن كېيىن تېزدىن ئاشقانلىقىنى بايان قىلدۇق. دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېرورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى›، ‹قاتتىق زەربە بېرىش› دېگەندەك ھەركەتلەر ئارقىلىق شىنجاڭدا زور كۆلەملىك باستۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2014-يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل باستۇرۇش تېزدىن چېگرا سىرتىغا كېڭىيىپ 6870 قېتىمغا يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ئاشقانسېرى ئۇلار پاكىستان، مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ كەلدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا خىتاي بىلەن بۇ مەملىكەتلەر ھەمكارلىشىپ ماس قەدەمدە ئىش كۆردى. شۇڭا بۇ تەرەققىياتلار ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىدىن كېلىپ چىققان زۇلۇمنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.»
ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئەسلى دۆلىتىدىن كۆچۈپ كەتكەنلەرنى ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش رۇسىيە، خىتاي، تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇلار ھەرقاچان كۆچمەن بولۇپ باشقا مەملىكەتلەرگە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خەۋپ، دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىلدىكى كۆچمەن جامائەتنىڭ چەت ئەل تۇپرىقىدا «سۈرگۈن ھۆكۈمەت» شەكلىدە ھاكىمىيەت تەشكىللىشى ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەر ئەڭ خالىمايدىغان مەنزىرىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ «كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن سادا چىقىرىشى» بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە باشقىلاردىن تۈپ پەرقى مەلۇم بىر ئېتنىك تۈركۈمگە مەنسۇپ بولغان كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتا ئەكس ئەتكەن. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ھەرۋاقىت باش نىشان بولغان.
1996-يىلى تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغان «7-نومۇرلۇق ھۆججەت»تە ئېنىق قىلىپ «بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ خەلقئارادا دىققەت قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىلگەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپكى مىساللار 1997-يىلىلا كۆزگە چېلىققان بولسىمۇ، 2014-يىلىدىن بۇيان بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك 20-30 ھەسسىلەپ ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە تىپىك ھالدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (Interpol) ۋە «دېموكراتىيە مەۋجۇت بولمىغان رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاق» تۈسىدىكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئارقىلىق ئۆز مەقسىدىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن.
خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل زىيانكەشلىك بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور ئېدۋارد بۇنىڭدا كۆپ قىرلىق ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان باشقا ساھەلەردىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇملار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ‹سىلەرگە ھېچقانداق بىخەتەر جاي مەۋجۇت ئەمەس. سىلەر بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ بىز سىلەرنى نىشان قىلالايمىز› دېگەن ئۇچۇرنى يوللاۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئىشلار ھازىر تاشقىي دۇنياغا كېڭىيىپ بىز شىنجاڭدا كۆرۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولدى. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنى سورىسىڭىز، خىتاي ھازىر دەل مۇشۇنداق قۇۋۋەتكە ۋە ئالاقە تورىغا ئىگە بولغاچقا بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلارنى بىر مۇستەقىل مەدەنىيەت ساھىبى قاتارىدا ئۈنۈملۈك ھالدا يوق قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇۋاتىدۇ.»
ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلار چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «شىنجاڭنى خىتاينىڭ ئاجرالماس تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرۇش» تەدبىرىنىڭ زامانىمىزدا داۋام ئېتىشىدىكى بىر مۇھىم كاپالەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىنى ھەقىقى يوسۇندا خىتاينىڭ «ئىچكىي مۇستەملىكە رايونى»غا ئايلاندۇرۇشتىكى بۇ ئۇرۇنۇش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان «خىتاي نوپۇسىنى كۆپلەپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇستەملىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» مېخانىزىمى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىۋاتقان بولغاچقا،ل بۇ خىل «ئۇزۇن قول»نىڭ «ئۇتۇقلىرى» بىۋاستە ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۇ يېڭى ماكاندا بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.