د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىلگىرى تۈركىيەدە بەزى پارتىيە ۋە گۇرۇھلارلا كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلە ئىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئالىشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر تۈركىيەدىكى پۈتۈن پارتىيەلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈدىغان، باياناتلىرىدا ئورۇن بېرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت يېقىندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە دېموكرات پارتىيەسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە شۇنداقلا دېموكرات پارتىيەسىگە بولغان تەلەپلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گۈلتېكىن ئۇيسال ئەپەندى، تاشقىي سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مەلىھ ئاقتاش ئەپەندى، سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت كەللەچى ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزاسى جەمال ئەنگىن يۇرت ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلدى. 19-يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت داۋاملاشقان ئۈچرىشىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان يازما دوكلات سۇنغاندىن سىرت، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تەرەققىياتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قويغان تەلەپلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئاخىرىدا مەزكۇر پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇزاكىرە ئاخىرىدا دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گۈلتېكىن ئۇيسال ئەپەندى خۇلاسە نۇتۇقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ھەيئىتى بىلەن پارتىيەمىزنىڭ مەركىزىدە كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىمنى تەكىتلىمەكچىمەن. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى گەرچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىسى بولمىسىمۇ، لېكىن تۈرك خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر مەسىلىدۇر. شۇڭا بىزمۇ بۇ ھېسسيات بىلەن قانداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە خەلقىمىزگە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلەيمىز؟ سىياسىي جەھەتتىن قانداق قىلىپ بۇ دەۋانى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرالايمىز؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە باش قاتۇرۇۋاتىمىز.»

«بۇندىن كېيىن دېموكرات پارتىيەسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟» دېگەن سوئالىمىزغا گۈلتېكىن ئۇيسال ئەپەندى دېموكرات پارتىيەسىنىڭ 1952-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيىمىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندى 1952-يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىزچىل ھالدا قوللىماقتا. بۈگۈن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى مەلۇماتىمىزنى يېڭىلىدۇق. گەرچە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئادەملىرىمىزنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تۈركىيە پارلامېنتتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىمىز.»

تۈركىيەدە بەزى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئامېرىكانىڭ ئۇيدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، تۈركىيەدە بەزى كىشىلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك خىتاي زۇلۇمىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. دېموكرات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى جەمال ئەنگىن يۇرت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ سەپسەتەدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى: «ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىۋاتىدۇ ۋە قوللاۋاتىدۇ دەپ بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقماسلىق غەلىتە بىر ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بولسا، تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ‹ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى پەلەستىن مەسىلىسىگە ئىگە چىقمايۋاتىدۇ› دەپ قاخشايدۇ؟ ئامېرىكا پەلەستىنلىكلەرگە، سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلسا، ئۇلارنى قوللىسا، ئالقىشلايدىكەنمىز، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقسا، ‹ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى كۈشكۈرتۈپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتىدۇ› دەيدىكەنمىز. بۇ قانداقمۇ مەنتىقىغا سىغىدۇ؟ بۇنداق بىر ئىش يوق. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللىشى ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك.»

19-يانۋار كۈنى دېموكرات پارتىيەسنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تەرەقىياتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن كۈتكەنلىرى توغرىسىدا تەپسىلىيمەلۇمات بەردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدە دەۋا ئېلىپ بېرىشتا چوڭ-كىچىك دېمەي بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر ھەيئەتتىن يەر ئالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى سەلاھىتتىن قەشقەرلى ئەپەندى دېموكرات پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دېموكرات پارتىيەسى 1946-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنى 10 يىل ئىدارە قىلغان. بۇ پارتىيە ھاكىمىيەتتىكى ۋاقتىدا، يەنى 1954-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى 1850 كىشىنى كەشمىردىن تۈركىيەگە ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گۈلتېكىن ئۇيسال ئەپەندى 10-يانۋار كۈنى «قانال 24 تېلېۋىزىيەسى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسسىلىسىدە خىتاينى ھەقلىق دەپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.