دولقۇن ئەيسا: «شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە قىلغان زىيارىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىشتۇر»

0:00 / 0:00

د ئۇ ق شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ 15-كۈنىگچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، تەڭرىتاغ رايونلۇق گۇيۈئەنشياڭ مەھەللىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، تۇرپان، شىخەنزە قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان.

بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈشكە كېلىشى، ھەر ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قاتتىق قوزغىماقتا. ئۇنداقتا شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ بۇ نېمىدىن بىشارەت بېرىدۇ؟

د ئۇ ق شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدىن باشلانغان دېيىش مۇمكىن. چۈنكى شۇ ۋاقتىدا شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ قايتىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ يوليورۇقىنى بېرىپ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئايلاندۇرغانىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم تۇيۇقسىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشى ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن دۇنياغا مانا شىنجاڭ تىنچ دېگەن سىگنالنى بېرىش، بۇ يەر بىخەتەر، ئۇيغۇر خەلقى خۇشال-خۇرام ياشاۋاتىدۇ دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشتىن ئىبارەت دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر جەھەتتىن بولسا ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ۋە ھەر قايسى ئورگانلارنى جاسارەتلەندۈرۈش. مەسىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى، ساقچى ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان».

، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇراغا چىققاندىن بۇيان شى جىنپىڭ نۇرغۇن زىيارەتلىرىنى بىكار قىلغانىدى. چەتئەل زىيارەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارمىغانىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان بەزى ئۆلكە ۋە رايونلارغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئۆتكەندە خوڭكوڭغا باردى، ئەمدى بولسا شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ئېلىپ باردى. ئەسلىدە خىتايدا ۋىرۇس تۈگىمىدى، ئەكسىچە بەزى رايون ۋە شەھەرلەردە ۋىرۇس قاتتىق كۆپىيىپ كەتتى. بۇنداق جىددىي پەيتتە زىيارىتىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى 10-ئايدا مەركەزدە ئېچىلماقچى بولغان كومپارتىيەنىڭ قۇرۇلتىيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى يېقىندىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە، بىخەتەرلىك سىياسىتىدە چاتاق چىقىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ 10-ئايدا چاقىرىلىدىغان كومپارتىيەنىڭ قۇرۇلتىيىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ‹مېنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىم توغرا، شىنجاڭدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولۇۋاتىدۇ، مۇقىملىق بەرپا بولدى› دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلتايغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن».

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» ۋە «خەلق تورى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى فوتو-سۈرەتلىك خەۋەرلەردە، شى جىنپىڭنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگىچە كىرىپ، ئۇلار بىلەن خۇشال-خۇرام ھالدا داستىخاننى ئورتاقلاشقانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي كىيىمى كىيگەن بىر گۇرۇپپا ئامما تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ چاۋاك چېلىپ شى جىنپىڭغا ئەگىشىپ كوچىلاردا ماڭغانلىقى» دەك كۆرۈنۈشلەر تەشۋىق قىلىنغان. بۇنداق تەشۋىق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇيۇقسىز زىيارىتىنىڭ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئىستراتېگىيەسى» يەنى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئاسسىمىلياتسىيە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا توغرا دەپ كۆرسىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا باشتا غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىغا زور زەربە بېرىلگەنلىكىنى، شۇڭا شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە «بۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك يوق» دېگەننى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنداقتا شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى؟ دېگەن سوئالىمىزغا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدىغاندەك تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر كۈنلۈك تۇيۇقسىز زىيارىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكا باشتا غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلەشلىرگە جاۋاب بېرىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى بەزى مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنىدى. مەزكۇر ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دوكتور ئادرىيان زېنز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ باش كۆرسەتكۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەنىدى.