د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ميۇنخېندا زور نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراكىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمى ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كۆرسەتكەن پىسخىكىلىق تەسىرى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىلەن رەسمىي باشلاندى.

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن
ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەكرەم)

چۈشتىن كېيىن سائەت 14:45 دىن باشلاپ، ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىشتا قىلغان سۆزىدە، بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ نامايىش ھەققىدە توختالغاندا، شى جىنپىڭنىڭ 5-ماي باشلىنىدىغان ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ نامايىشتىن تولىمۇ ھاياجانلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكادىن كەلگەن دوكتور رىشاد ئابباس ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مۇساپىسىدىكى تارىخىي بىر ۋەقە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن
ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەكرەم)

تۈركىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە توختالغاندا، بۇ نامايىشنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرىنىڭ باشقا نامايىشلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ كۆپ ھاياجانلانغانلىقىنى بايان قىلدى. ياپونىيەدىن كەلگەن پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مۇختەر ئابدۇراھمان ئەپەندىمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

نامايىش بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلدى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئاسمىنىنى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان!»، «شى جىنپىڭ تېررورىست! » دېگەندەك ھەر تۈرلۈك شوئارلار قاپلىدى.