بۇ يىل 3-ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بىر يۈرۈش ئىشخانىنى سېتىۋېلىپ، ئىجارە تۆلەپ ئۆتىدىغان كۈنلىرىگە خاتىمە بەرگەنىدى. ئارقىدىنلا 2004-يىلى قۇرۇلغان د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بۇ يىل 5-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن 400 گە يېقىن مېھماننىڭ ئىشتىراكىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئەمدىلىكتە بولسا، د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا يولغا قويۇلغان ئىسلاھات تۈزۈمى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىكەن ۋە د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سانى مەلۇم نىسبەتتە قىسقارتىلىپ، مەزكۇر تەشكىلات ئۈچۈن ھەقىقىي كۈچ بېرەلەيدىغان شەخسلەر ۋەكىللىككە تاللىنىدىكەن. خانىم-قىزلار ۋە ياشلارنىڭ نىسبىتى كۆپەيتىلىدىكەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم يىغىن چاقىرىپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، جامائەت ئەربابلىرىدىن تەشكىل تاپقان «د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى» دەپ ئاتالغان 40 كىشىلىك بىر تەييارلىق كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققان. د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى بولسا 10-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى تىزىملاش ئىشلىرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىنىڭمۇ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىملىقىنى، بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر سايلىمىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، 18 ياشقا توشقان ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆزىنى ۋەكىل نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىش ۋە د ئۇ ق ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن تەقدىردە، د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى 6-ئىيۇل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا: «د ئۇ ق بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا يولغا قويغان ئىسلاھاتلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيەنى يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ؛ 157 نەپەر قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە مىللىي ئىرادىسىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان پىداكار، قابىلىيەتلىك ئىنسانلار ئىچىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ» دېيىلگەن ھەمدە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە قويۇلىدىغان 16 تۈرلۈك شەرت بايان قىلىنغانىدى.
د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، 10-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە ۋەكىللەرنى تىزىملاش خىزمىتىنى داۋام قىلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 27-28-كۈنلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى دېموكراتىك ئۇسۇلدا بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كورونا ۋىرۇسى تېخى ئاخىرلاشمىغان بىر زامان بولۇشىغا قارىماي، 2021-يىلى 11-ئايدا چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە 300 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنىدى. د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.