د ئۇ ق ۋەكىللىرى بېرلىندا گېرمانىيەنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان

0:00 / 0:00

19-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېرلىندا گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، پارلامېنت باياناتچىسى مېخائېل براندىنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» دېگەن تېمىدا بىر يېپىق يىغىن چاقىرىلغان. يىغىنغا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. يىغىندا گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فىيېر ئەپەندى، تەتقىقاتچى ماركوس ئەپەندى ۋە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر دوكلات بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇلار 19-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە بېرلىندا چاقىرىلىۋاتقان «دېموكراتىيە، تېخنولوگىيە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى» ناملىق دۇنيا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەر بۇ يىغىندا خىتاينىڭ دىكتاتورلۇق رېجىمىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىش ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىرلەر بايان قىلىشقان.

19-فېۋرال كەچتە بېرلىندىكى «تىنچلىق كىنوخانىسى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا بېغىشلانغان فىلىملارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە كەچلىك زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ زىياپەتكە ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى بانكىمۇن، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كېلىنتون، گېرمانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى بولۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان. مەزكۇر زىياپەتكە داخىل بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ سورۇندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھازىر گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىي سەھنىسىدە ئاكتىپ ۋە جانلىق رەۋىشتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ بۇ بىر قانچە كۈندە بېرلىندا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى بۇنىڭ يارقىن مىساللىرى ھېسابلىنىدىكەن.