دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان تارقىتىپ كېلىۋاتقان «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى 2019-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)، خىتايغا ياردەم تەشكىلاتى، تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا بىرلىكتە تەقدىم قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېلانىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ دۆلەت چېگراسى ئىچىدە كىملىك ۋە قارشى پىكىرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش قوراللىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭماقتا. بۇنىڭ بىلەن دىنىي ۋە مىللىي گۇرۇپپىلار يەكلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىدە بىز بۇ مۇكاپاتنى ئاشۇ تەشكىلاتلارغا تەقدىم قىلماقچىمىز».
بۇ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 4-ئىيۇن كەچ سائەت بەشتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاساسىي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم باشلانماي تۇرۇپلا زالغا لىق تولغان ھەر ساھە كىشىلىرى بۇ قېتىمقى مۇراسىمنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم پائالىيەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. ئۇيغۇرچە دوپپا كىيگەن ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشىگە تېگىشلىك ھۆسن قوشقان ئىدى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشماننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئۇ سۆزىدە تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىدە ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ساھەنىڭ خىتايدا بارلىققا كەلگەن ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنىڭ كىشىلەر ئارزۇ قىلغاندەك ئەركىن جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ بېكىك ۋە ھاكىممۇتلەق ئىجتىمائىي مۇھىتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى، خۇددى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شياۋبو تەسۋىرلىگەندەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ زور بىر ئىنسانلار تۈركۈمىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى، بۇ ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ زور دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇلارنى قېلىپلىشىپ قالغان شەكىلدە «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئەمەس، بەلكى «خەلق» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر قاتارلىقلارنىڭ مەدەنىيەت، كىملىك، تىل، ئېتىقاد قاتارلىق ساھەلەردە خىتاي كومپارتىيەسىدىن كېلىۋاتقان ئورتاق تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزلىرى كونترول قىلىپ بولالمايدىغان ھەممىلا شەيئىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ تەھدىتنى يوقىتىش ئۈچۈن باستۇرۇش چارىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىپ، دەل مۇشۇ خىل باستۇرۇشلارغا قارشى ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۈچ خىل گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە بۇ يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتىنىڭ تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خەلقنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى «شىنجاڭ» دېمەستىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە زالدا يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئېلىزابېت چېنېي، جاكۇئىن كاسترو، مايك مەككائۇل، جىم مەكگوۋېرىن قاتارلىقلار سۆز قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئوتتۇز يىل مابەينىدە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قايسى دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھېچقاچان ئۆز ئارزۇسىدىن ۋازكەچمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىر ئۆزلىرىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇكاپات لوڭقىسىنى تارقىتىشتا ئالدى بىلەن خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بوب فۇ سەھنىگە چىقىپ سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇملىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىك ئۈستىگە بەرپا بولغان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەرقاچان ھەقىقەتنىڭ ئاشكارا بولۇشىدىن ئەڭ قورقىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ئادۋوكات جاڭ خەيتاۋنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدەك رېئاللىقتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم يىغىن ئەھلىگە ئەسلەتتى.
مۇكاپات تارقىتىش نۆۋىتى د ئۇ ق غا كەلگەندە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرىن سەھنىگە چىقتى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغاندىن بۇيان لاگېرلاردىكى كۆپلىگەن ۋەھشىيلىكلەرنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقى، ئۇ جايدىكى مەھبۇسلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى، يېتىم قېلىۋاتقان سەبىيلەرنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ئىككىلەمچى قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئەمەلىيەتتە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن بوشاشماستىن تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەچ، ئۆزىنىڭ 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» لوڭقىسىنى د ئۇ نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا تاپشۇرۇپ بەردى.
دولقۇن ئەيسا لوڭقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆز ئېلىپ، د ئۇ ق نىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ھەمدەم بولۇۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلاتلارغا ۋە شەخسلەرگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، لاگېرلاردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ھۆرلۈككە چىقمىغۇچە، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىگىدارلىققا ئېرىشمىگۈچە ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئارىلىقىدا بىز دولقۇن ئەيسانى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن بۈگۈنكى مۇراسىمدا «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى د ئۇ ق نى ۋە ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا «تېررورچى» دەپ تەشۋىق قىلىشقا كۈچەۋاتقاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىللىق مۇكاپاتنى د ئۇ ق غا بېرىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
«بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنى قوللاۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئويلىدۇق. شۇنداقلا بۇ مۇراسىمنى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىدە ئۆتكۈزدۇق. بىز مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقاچان ئۈمىدۋار بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىۋاتىمىز.»
يىغىننىڭ ئاخىرىغا ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس نەنسىي پېلوسى خانىممۇ يىغىندا سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ زالدا ئولتۇرغان ئۆركەش دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 20 ياشتا بولۇشىغا قارىماي ھەققانىيەت ئۈچۈن يولباشچى بولغانلىقىغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
نەنسىي پېلوسى خانىم سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، د ئۇ ق نىڭ مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس قاتارلىقلار نەنسىي پېلوسى خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقاچ ئۆزلىرىنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. يىغىن مۇشۇ تەرىقىدە تولىمۇ قاينام-تاشقىنلىق ۋە يۇقىرى كەيپىياتتا ئاياغلاشتى.
0:00 / 0:00