د ئۇ ق ئالاھىدە ئىجرائىيە يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھەرىدىن تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن كورونا ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئېلىشى سەۋەبلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى ئالاھىدە يىغىنى چاقىرىپ، ئۆتكەن قېتىملىق يىغىندا چىقارغان بەزى قارارلار توغرىسىدا قايتا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىندا بۇ يىل 11-ئايدا د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلتاي چاقىرىش قارارىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ھەمدە نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، قارار ماقۇللىدى.

12-ئىيۇل كۈنى بېرلىن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 4 تە باشلانغان بۇ يىغىنغا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىنىدا 5-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە يىغىنىدا ماقۇللانغان بەزى قارارلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

د ئۇ ق نىڭ نىزامنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 3 يىلدا بىر قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىپ، سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ يىل 11-ئايدا قۇرۇلتاي چاقىرىلىشى كېرەك ئىدى. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى بۇ ھەقتە ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بۇ يىل 11-ئايدا ئېچىلىش پىلانلانغان قۇرۇلتاينىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كونتروللۇق ئەھۋالىغا قاراپ كېيىنچە مۇۋاپىق ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە قارار ماقۇللاندى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن خىتايدىن تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان كورونا ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئېلىشى سەۋەبلىك 2020-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتىيىنى كەچىكتۈرۈشنى قارار قىلدۇق. ئىككىنچىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك يىغىنىنى د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكادىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ پروگراممىسى بويىچە 2020-يىلى 11-ئايدا پراگادا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان يىغىنى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.»

12-ئىيۇل كۈنى ۋىدېيولۇق ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا، د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇغۇت چەكلەش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سىياسىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ۋە ئاكسيوس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات خەۋىرى بىلەن ئىسپاتلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتكە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن د ئۇ ق غا قاراشلىق ۋە د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدۇق. يەنە بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشىلىتىشىگە، شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق شىركەت ۋە ماركىلارنىڭ پايدىلانغانلىقىغا قارشى قوزغالغان نارازىلىقنى د ئۇ ق ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلقئارالىق بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ھەم خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زەربە بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا زورلاش، ھەم بۇنىڭدىن پايدىلانغان غەرب شىركەت ۋە ماركىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇرلاشنى قارار قىلدۇق.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىجرائىيە ھەيەتىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

«د ئۇ ق ئالغان قارار بويىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتكە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىمكانىيىى بارمۇ؟ ئەگەر ئىمكانىيىتى بار بۈولسا بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم جاۋاب بەردى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، د ئۇ ق ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشىلىتىشىگە قارشى خەلقئارادا نارازىلىق كۆتۈرۈلۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ توغرىسىدا ئامېرىكاغا قانۇن ماقۇللىتىشقا تىرىشىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ئۆتكەن ئاي 5-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۆتكەن 6 ئايلىق خىزمەتنى خۇلاسىلىگەن ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزگەن ئىدى.