قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلىمىغا ئۆز ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.08.25
matem-kuni-qazaqistan-1.jpg ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن ماتەم كۈنى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىل 1-ئۆكتەبىر.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇشۇ يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان مەملىكەتلەردە تەييارلىق خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى ھەمدە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلام ئارقىلىق بېكىتىلدى. دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىگە ئوخشاش قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىمۇ يېقىندا دۇنىيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل قازاقىستان بويىچە ئېلان قىلىنغان كارانتىن سەۋەبىدىن ئاھالىنى بىر يەرگە توپلاش مەنئىي قىلىنغانلىقتىن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلىمى جاي-جايلاردا ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەشكىللىگەن سايلام كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان.

بىز ئەنە شۇ سايلام جەريانلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف باشچىلىقىدا توققۇز ئادەمدىن سايلام تەپتىشى قۇرۇلغانكەن.

سەدىردىن ئايۇپوف مۇنداق دېدى: «ھەر بىر مەھەللىدىكى كۆپىنچە مۇشۇ سىياسەتكە ئارىلىشىدىغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە غەم قىلىپ، ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان يىگىت باشلىرىنىڭ مەھەللىلىرىدە سايلام ئىشى ئېلان قىلىندى. بۇ كۆپىنچە يۇرتتا ئابرۇيى بار ۋە تونۇلغان كىشىلەرگە يەتكۈزۈلدى. بىز 30 ۋەكىل تاللىدۇق. بىز ئۇلارنى دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپىگە لايىق شەرتلەر ئاستىدا تاللىدۇق.»

سەدىردىن ئايۇپوف ۋەكىللەرنى تاللاشتا يولۇققان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىدىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا بولۇشى كۆپچىلىكىمىزنى ھاياجانلاندۇردى. بىز بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قانداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتساقمۇ، مۇنداق ئىچكىرىلەپ سىياسەتكە باش تىقمىغاندۇق. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە قاراپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۇشۇنۇڭغا ماسلىشىپ، بىزگە سىياسىي پۇرسەتلەرنى يارىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاد بولۇشىغا ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىشىگە چوڭ يوللارنى تېپىشىغا ئىشەنچىم كامىل.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا شەكىللەنگەن سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ، تېز ئۆزگىرىۋاتقان قارىمۇ-قارشىلىقلار تولا. ئەڭ يامان بولغىنىخىتايدىن تارقىلىپ، پۈتكۈل دۇنياغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ۋىرۇس ۋاباسىدۇر. ئىككىنچىدىن، تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتكە كېلىشىدۇر. ئەلۋەتتە دۇنيا ۋەزىيىتىدە بىزگگ نىسبەتەن ئىجابىي تەرەپلەرمۇ بار. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زورلۇق-زومبۇلۇق سىياسىتىنىڭ بۇ يىل ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلىنىشى ۋە خىتايغا قارشى چارىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىدۇر.»

قەھرىمان غوجامبەردى بۇ يىل يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن لوندوندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ دۇنيا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردى مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ھېچ قانداق ئۆزگىرىش يوق، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىگە يول قويماسلىق، خىتاينىڭ تەشۋىقاتى تەرەپتە تۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. چۈنكى خىتاي ۋىرۇس ۋاباسىدىن پايدىلىنىپ، ئەرزان قەرز بېرىش، ئالداش، ‹بىر يول، بىر بەلۋاغ› ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى ئىنتايىن ياخشى كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.»

تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ جۈملىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار سىياسىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ھەم بۇنىڭغا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىمۇ ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى. ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى توختاپ، يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.