دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن» ناملىق دوكلاتىنى پۈتتۈردى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 9-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەييارلاش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ رەسمىي تاماملانغان.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشتا خەلقئارالىق داڭلىق قانۇنشۇناسلار، ئادۋوكاتلار، تارىخچىلار، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ تەييارلىنىشى ئۈچۈن بىرقانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان.

بىز بۇ دوكلاتنىڭ پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى خەلقئارا قائىدە-قانۇنلار ئارقىلىق ئىسپاتلاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىدا قارار ئېلىنغان ئۈچ باسقۇچلۇق پىلان ۋە بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، بىر قانچە مىليون ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، بويسۇندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىروفېسسور دوكتور پان ۋالت پان بېلگىيەدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇنبىرىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2022-يىلى پىراگا
پىروفېسسور دوكتور پان ۋالت پان بېلگىيەدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇنبىرىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2022-يىلى پىراگا (RFA/Hebidulla)

دولقۇن ئەيسا يەنە، بۇ دوكلات تەييارلىنىپ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر ۋە بۇ دوكلات ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشان ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى دىپلوماتىيە ساھەلىرىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى؛

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن» ناملىق مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا مەزكۇر پىروگراممىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، داڭلىق قانۇنشۇناس مايكىل پان ۋالت تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنياغا رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلىنىدىكەن.