يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولۇشتەك بىر دۇنياۋى سەۋىيەگە يېتىشىدە ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە پىداكارلىرىنىڭ ھارماي-تالماي داۋام قىلىپ كەلگەن پائالىيەتلىرى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) بۇ جەھەتتە ئەڭ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.
د ئۇ ق ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالىي تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھەقلىرىنى تىنچ شەكىلدە قولغا كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى نىزامنامىسىدە بۇ ھەقتە «د ئۇ ق بىر خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئىزچىل ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. د ئۇ ق نىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە تارماق ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشىدا ئەكس ئەتتى.
4-مارت كۈنى كەچقۇرۇن مەزكۇر يېڭى قەدەمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئامېرىكىلىق دوستلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەندە بۇ ھال كۆپچىلىكنى تولىمۇ مەمنۇن قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ رىياسەتچىسى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرى مۇدىرى لۇيىزا گرېۋ ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قاناتنى بۇ ھەقتە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ئۆمەر قانات سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى دەسلەپ ئىش باشلىغان ۋاقتىدا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ئەركىنلىكنى سۆيگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك ھەممە ئېتىراپ قىلغان بىر دۇنياۋى تەشكىلاتقا ئايلانغانلىقىنى، بۇ ھەممەيلەننى مەمنۇن قىلىدىغان بىر ھادىسە بولسىمۇ يەنە بىر ياقتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ھەممەيلەننىڭ تولىمۇ ئەندىشىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ئېغىرلىشىۋاتقاندا بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ ئازاب ھېس قىلماقتىمىز. چۈنكى ئۇلار بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ كەلگەن ئىنسانلار ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ يېڭى ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىز تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقالايمىز» دېدى.
ئۆز نۆۋىتىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن يىللاردىن بۇيان د ئۇ ق نىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق داۋام قىلىشىغا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان بۆلۈم مەسئۇللىرى ۋە مەسلىھەتچىلەردىن رىشات ئابباس، زۇبەيرە شەمشىدىن، ئېلشات ھەسەن، ئابلىكىم ئىدرىس قاتارلىقلارنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇردى. شۇنىڭدەك ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تارماق ئىشخانىلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئۇ جايلاردا قانات يايدۇرۇلۇشىغا قانداق ياردەملەردە بولغانلىقى، ئەمدىلىكتە كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شتابى جايلاشقان ۋاشىنگتون شەھىرىدە تارماق ئىشخانا ئېچىشنىڭ بۇندىن كېيىنكى داۋا ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تاجسىمان ۋىرۇسى يامراپ كېتىۋاتقاندا بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بولغان خىتاي كومپارتىيەسى ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە مۇشۇ ئىشخانا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساندىكى ئادالەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىمىز» دېدى.
شۇ قاتاردا سۆز ئالغانلاردىن «ھەممىگە ئادالەت» فوندىنىڭ ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ داۋانى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە تېخىمۇ كۆپلەپ بىلدۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي بولسا ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار جىددىي كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە بۇنداق بىر ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۈگۈنكى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلاردىن لاگېر شاھىتى سايراگۈلنىڭ شىجائىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىللىق «جەسۇر ئاياللار خەلقئارالىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن لاگېر شاھىتى سايراگۈلمۇ سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمى پائالىيەتتە شۇنچە كۆپ قېرىنداشلىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاگېرلاردا قىينىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق تۇتقۇنلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئورتاق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېچنەرسىدىن قورقماسلىقى لازىم. خىتايلار ئۆزلىرىنى ئادەم ھېسابلىسا بىزمۇ ئادەم. بىزمۇ ئۆزىمىزگە تېگىشلىك ھەقلەرنى قولىمىزغا ئېلىشىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشىمىز لازىم» دېدى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتقان شەخسلەردىن لۇيىزا خانىمغا ئالاھىدە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى. شۇنداقلا ئۇنىڭ يىللاردىن بۇيان ھارماي-تالماي ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىننەتدارلىقى بىلدۈرۈلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىنىپ كەلگەن بۇ ئىشنىڭ بۈگۈن ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن بۇ توغرىلىق سۆزلەشكىنىمىزدە ئۇ تارماق ئىشخانا ئېچىلىشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى داۋا ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى غەلىبىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار قاتارىدا «ھەممىگە ئادالەت» فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇل مالىك مۇجاھىدمۇ بار ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەت توغرىسىدا سۆزلەشكىنىمىزدە ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار ۋىرۇسنىڭ ئېغىر خېيىم-خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«لاگېرلاردىكى ئۇ ئىنسانلارنى قاتىرىسىغا تىزىپ قويۇلغان قارىغا ئېلىش تاختىيى، دېسەك خاتالاشمايمىز. بېيجىڭدا، خوڭكوڭدا، ياپونىيەدە بارلىق مەكتەپلەر تاقالدى. نېمە ئۈچۈن؟ خىتايدا پۇل تېپىۋاتقان گۇگىل، فېيسبوك، ئالما دېگەندەك شىركەتلەر تاقىلىپ قالدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار بۇ جايلاردا كىشىلەر بىر-بىرىگە يېقىن تۇرسا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تېزلا بىر-بىرىگە يۇقۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمدى ئاشۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۈچ مىليون ئۇيغۇرچۇ؟ ئۇلارنىڭ شارائىتى شۇ قەدەر ناچار، ئۇ جايدىكى كىچىككىنە قاماقخانىلارغا نەچچە ئونلىغان كىشىلەر نىقتاپ قامالغان. ئۇلار ھەتتا نورمال ئۇخلىغۇدەك شارائىتقىمۇ ئىگە ئەمەس. بۇ لاگېرلارغا ھېچقانداق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ياكى مۇخبىرلارنىڭ بېرىش ھوقۇقى يوق. شۇڭا ھازىر بۇ كىشىلەرگە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشى ئۈچۈن بەكمۇ ‹ئوڭۇشلۇق› شارائىت مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە دەل بۈگۈنكىدەك تەشكىلاتلار ئارقىلىق ب د ت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇشىمىز، شۇ ئارقىلىق لاگېرلارنى تېزدىن تاقىۋېتىشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتالىسىلا ئۇلار تاجسىمان ۋىرۇسقا يەم بولۇپ كەتمەيدۇ.»
پائالىيەتكە ۋىرجىنىيە ۋە مارىيلاند شتاتلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىلىق دوستلار بىلەن بىرلىكتە د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىگە يېڭى ئۇتۇقلارنى تىلىدى.
0:00 / 0:00