د ئۇ ق نىڭ تۈركىيە ۋە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر سايلىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى 28-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ۋە ياپونىيەدىمۇ سايلام ئۆتكۈزۈپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى.

د ئۇ ق رەئىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تەۋسىيە قارارى، 1-ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلغانىدى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە 8-نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمى سانى، 24 دۆلەتتىن 157 نەپەر قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. يىغىندا يەنە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، سايلاپ چىقىش قارار قىلىنغانىدى. شۇ كۈندىن تارتىپ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، 28-ئىيۇل تۈركىيە، ۋە ياپونىيەدىمۇ ۋەكىللەر سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. سايلام نەتىجىسىدە تۈركىيەدىن 15، ياپونىيەدىن 5 نەپەر كىشى ۋەكىل بولۇپ سايلانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ئىشخانىسىدا ۋەكىل سايلىمى. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، ئىستانبۇل
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ئىشخانىسىدا ۋەكىل سايلىمى. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، ئىستانبۇل (RFA/Erkin Tarim)

بىز 28-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر سايلىمى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى، سايلامغا نازارەت قىلغان مەمەت توختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئىستانبۇلدا 4 رايوندا سايلام ساندۇقى قويۇپ، 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 15 ۋەكىلنى سايلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «د ئۇ قنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىلتىماس قىلغان كىشىلەردىن 29 نەپەر كىشىنىڭ ۋەكىللىك سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇۋاپىق كۆرۈلگەنىدى. بۇ كىشىلەردىن 19 نەپىرى ئىستانبۇلدىن، 10 نەپىرى ئىستانبۇل سىرتىدىكى 4 ۋىلايەتتىن بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلدىن 10 نەپەر ۋەكىل ئىستانبۇلدىكى سېلىمپاشا، كىچىك چەكمەجە، فاتىخ ۋە زەيتىنبۇرنۇ قاتارلىق 4 رايونغا قويۇلغان ساندۇق ئارقىلىق خەلقىمىز تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلدى. ئىستانبۇلنىڭ سىرتىدىكى 4 ۋىلايەتتىنمۇ ۋەكىللەر سايلاندى، نەتىجىدە تۈركىيەدە جەمئىي 15 ۋەكىل سايلاپ چىقىلدى».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيەدە 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىر ئاي بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ سايلامنى ئۆتكۈزۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا بىنائەن ياپونىيەدىمۇ تەييارلىق كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدۇق. مەزكۇر كومىتېتقا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى رەئىس بولغان ئىدى. بۇ كومىتېت قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى قىلدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلتاينىڭ بۇ قېتىم سايلىنىدىغان ۋەكىللەرگە قويغان شەرتى ۋە تەلەپلىرىنى، سايلامنىڭ كۈن تەرتىپىنى ياپونىيەدىكى جامائەتكە يەتكۈزگەن بولدۇق. ئارقىدىن ۋەكىللىككە ئىلتىماس قىلغانلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ چىققان ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يوللىدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى بۇ كىشىلەر سايلامغا چۈشسە بولىدۇ دېگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى بۇ سايلامنى ئېلىپ باردۇق.»

ياپونىيە توكيودىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىل سايلىمى. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، ياپونىيە
ياپونىيە توكيودىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىل سايلىمى. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، ياپونىيە (RFA/Erkin Tarim)

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەگە 5 سان بەرگەنلىكىنى، بۇ ۋەكىللەرنىڭ دېموكراتىيەلىك يوللار بىلەن سايلاپ چىقىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سايلامغا قاتناشقانلار توكيو شەھىرى ۋە توكيوغا يېقىن جايلاردىن بولغاچقا پۈتۈن نامزاتلارنى بىر يەرگە يىغىپ يىغىن ئېچىش ئىمكانىيەت بولماي قالدى. شۇڭا بىز ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىغا بىر سايلام ساندۇقى قويۇشتىن سىرت، تور يىغىنى چاقىردۇق. مەزكۇر يىغىندا ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ سايلام توغرىسىدا دوكلات بەرگەن بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نامزاتلار ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزى ۋە ۋەكىل بولۇپ سايلانسا قانداق خىزمەتلەرنى، قانداق ۋەزىپەلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا بېلەت تاشلاندى. تور ئارقىلىق تاشلانغان بېلەت بولسۇن ياكى ساندۇققا تاشلانغان بېلەتلەر بولسۇن ھەممىسى يېپىق شەكىلدە، يەنى كىمنىڭ كىمگە بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇڭا بۇ سايلامنى دېموكراتىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام بولدى دەپ ئويلايمەن».

تۈركىيەدىكى سايلام ساندۇقلىرىغا بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەر مەسئۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى ئىستانبۇلنىڭ سېلىمپاشا رايونىدىكى بېلەت ساندۇقىغا مەسئۇل بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، 8-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىنىڭ ئادىل ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ۋەكىل نامزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلغانلار ۋە سايلانغانلار ئىچىدە ياشلار ۋە ئاياللارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان 157 نەپەر ۋەكىل سايلاپ چىقىلغان. قۇرۇلتاي نىزامنامىسى بويىچە، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتاينىڭ بۇ قېتىمقى 8-نۆۋەتلىك يىغىنى 2024-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.