د ئۇ ق كونا يىلنى خۇلاسىلەپ يېڭى يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشتى

0:00 / 0:00

2023-يىلى ئاخىرلىشىپ 2024-يىلى كىرىش ئالدىدا، يەنى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىن چاقىرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا نۆۋەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن سىرت، 2024-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ يېڭى قەدەملىرىنى تاشلىدى.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، جەمئىي 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن بۇ يىغىنغا، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. دولقۇن ئەيسا، ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، 2023-يىلى ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز 2023-يىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2024-يىلىغا قەدەم قويدۇق. 2023-يىلى دۇنيادا نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ئۇرۇشلار ۋە تىراگېدىيەلەر يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ كۈلپەتلىك ئېغىر بىر يىل بولدى. ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇسىيە ئىشغالىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قەھرىمانلىق كۆرۈشىگە شاھىت بولدۇق. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمايدىغان، قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلارغا شاھىت بولدۇق. بۇلارنىڭ بەزىلىرى، بىۋاسىتە بەزىلىرى ۋاسىتىلىك ھالدا بىزنىڭ مىللىي كۆرۈشىمىزگە تەسىر كۆرسەتتى. دېمەك بىز 2023-يىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىغا، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقانلاردىن خالى بولالمايدىغانلىقىمىزغا شاھىت بولغان بىر يىل بولدى» .

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2023-يىلىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭغا تۆھپە قوشقان بارلىق رەھبەرلەرگە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا د ئۇ ق نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تور يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دىنىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى بولغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «30-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى 2023-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ئاساسلىقى2023-يىلى ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ۋە2024-يىلى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى» .

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا د ئۇ ق بۇرۇن قىلىپ باقمىغان بىر خىزمەتنى ئورۇنلانغانلىقىنى 22 دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم يىغىن چاقىرىپ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز 2023-يىلى دېكابىر ئېيى كىرىشى بىلەنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسلىكى قارار ماقۇللاپ، د ئۇ ق مەركىزىي ئورگىنى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللەر يىغىن ئېچىپ، ئۇ ۋەكىللەرنىڭ تەلەپ ئارزۇلىرى، تەلەپ-پىكىرلىرى ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ چىقتۇق. جەمئىي 22 دۆلەتتىكى ھەر دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ھالدا يىغىن ئاچتۇق. بۇ 22 قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ 2023-يىلىدا ئېلىپ بارالىغان خىزمەتلەر ۋە 2024-يىلى ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئىگىلىدۇق» .

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى 22 دۆلەتتىكى ۋەكىللەر بىلەن ئايرىم ھالدا يىغىن چاقىرىشتىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ 2024-يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلماقچى. ئۇنىڭغىچە قۇرۇلتايغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن قۇرۇلتاي يەنە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىش.

2023-يىلى نېمىلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدۇق؟ قايسى جەھەتلەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدۇق؟ نېمە كەمچىلىكلەر بولدى؟ بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەندەك تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ خۇلاسىلەپ چىقتۇق. 2024-يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. 2024-يىلىدا بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا تىرىشىمىز» .

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 2023-يىلىدا ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىغا ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قاراتقان دىپلوماتىيەلىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇلاردىن سىرت دۇنيادىكى 57 مۇسۇلمان دۆلىتى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇھىم پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2023-يىلىدا د ئۇ ق نىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، يېقىندا 2024-يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

30-دېكابىر كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە يىغىنىدا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا 2023-يىلىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا نۇقتىلىق توختالغاندىن كېيىن، يىغىن ئەھلى 2024-يىللىق خىزمەت پىلانىغا بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 4 سائەت داۋاملاشقان يىغىن رەھبەرلەرنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتى.