6-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنى دۇنيا سىياسىي پاناھلانغۇچىلار كۈنىدە جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئولدا «ئەجدەرھانىڭ ئۇزۇن قولى» نامىدا يىغىن ئېچىلغان. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا 5 دۆلەتتىن كۆپلىگەن پائالىيەتچىلەر تەكلىپ قىلىنغان. ئاۋستىرالىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان.
نۇرگۈل ساۋۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «6-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنى دۇنيا سىياسىي پاناھلانغۇچىلار كۈنىدە ‹ئاۋام مەنپەئەتىنى قوغداش ئادۋوكاتلار ئورگىنى› نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ پائالىيەتنى يەنە ‹چىگراسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى›، مەركىزى ئىتالىيەدىكى ‹يېڭى دىنلار تەتقىقات مەركىزى› گە قاراشلىق ‹زىمىستان› تور ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ يېقىندىن قوللىغان. بۇ يىغىننىڭ كورېيەدە ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە 900 دىن ئارتۇق ئادەم كورېيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭمۇ پاناھلىق رەسمىيىتى پۈتمىگەن ياكى جەنۇبىي كورېيەنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن. جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئاسىيادا ‹دېموكراتىيەنىڭ تاجى› دېگەن نامى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ نامغا يارىشا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا يول ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىن جەنۇبىي كورېيەدە ئېچىلغان.»
نۇرگۈل خانىم مەزكۇر يىغىندىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا 5 دۆلەتتىن كەلگەن ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇلار ‹زىمىستان› تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ماسسىمۇ ئەپەندى، بىريۇسسېلدىكى ‹چىگراسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى› نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يا خانىم، ‹ئاۋام مەنپەئەتىنى قوغداش ئادۋوكاتلار ئورگىنى› نىڭ كورېيەدىكى مەسئۇلى لى يو قاتارلىقلار. مەن بۇ يىغىنغا ‹ئۇيغۇرلار ھەرىكىتى› نىڭ ئوكيانىيە قىتئەسىدىكى كومىتېت مۇدىرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن قاتناشتىم.»
نۇرگۈل خانىم يەنە ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندا سۆزلىگەن لېكسىيەسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىغىندا سۆزلىگەن لېكسىيەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى 14 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ، بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زور ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچ بىلەن باشتىن-ئاخىر سىستېمىلىق ھالدا پىلانلانغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەردىم. مېنىڭ لېكسىيەمدىن كىيىن ئاڭلىغۇچىلار قىزغىن كەيپىياتتا سوئاللارنى سوراشتى. مېنىڭ لېكسىيەمدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇشۇنچىۋالا ئېغىر زۇلۇملارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىلمەمدۇ دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بېرىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن پاناھلىق بېرىشكە تېگىشلىك ئىكەن دەپ قاراشتى ۋە بۇندىن كىيىن جەنۇبىي كورېيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايمىز دېيىشتى. مۇشۇ نۇقتىدىن مەن بۇ يىغىننى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك يىغىن بولدى دەپ قارايمەن.»
بىز يەنە مەزكۇر يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسىنىڭ بىرى بولغان «زىمىستان» تور ژۇرنىلىنىڭ دىرېكتورى ماركو ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتايدىكى بارلىق دىنلارنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ شۇنداقلا دىنغا ئىشەنگۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلار چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ يىغىن ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى، تاراتقۇلارنى، مۇتەخەسسىس ۋە ئادۋوكاتلارنى بۇ ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىق قىلدۇق»
ماركو ئەپەندى يەنە بۇ يىغىن ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىق قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ سۆز قىلدى: «20-ئىيۇن ئېچىلغان بۇ يىغىنىمىز ‹دۇنيا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر كۈنى› گە توغرا كەلدى. خىتايدىكى دىنغا ئىشەنگۈچىلەر، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار كوللېكتىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. ھازىر جەنۇبىي كورېيەدە تەخمىنەن 1000 غا يېقىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىكى زىيانكەشلىكتىن قېچىپ چىققانلار. بىز بۇ يىغىنىمىز ئارقىلىق جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردۇق.»
جەنۇبىي كورېيەدە ئېچىلغان «ئەجدەرھانىڭ ئۇزۇن قولى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى سېئولدا بىر كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە بۇندىن كېيىنكى سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00