خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئادۋوكاتلار بىرلىشىپ ئەكبەر ئەسەت ھەققىدە مۇراجىئەتنامە يوللىغان

0:00 / 0:00

«باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق رەيھان ئەسەت ئىنىسى ئەكبەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. رەيھان ئەسەت خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ئادۋوكات بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپداشلىرى، يەنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ئادۋوكاتلار بىرلىشىپ، ئەكبەر ئەسەتنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەتنامە سۇنغان.

ئامېرىكا CNN تورى 10-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خارۋاردتا ئوقۇغان ئادۋوكاتلار بىرلىشىپ، ئۇيغۇر مەكتەپدىشىنىڭ ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 50 نەچچە دۆلەتتىن 85 نەپەر ئادۋوكات بۇ ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە يوللاش پائالىيىتىگە قېتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىككى پارچە مۇراجىئەتنامە تەييارلاپ، بىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا، يەنە بىرىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيگە يوللىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامىدە: «بىز ئەكبەرنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ مۇراجىئەتنامىنى يېزىۋاتىمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەسەت ئەپەندىنىڭ غايىب قىلىۋېتىلىشىدىن، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئادالەتسىز، نائېنىق تەقدىرىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتىمىز،» دېيىلگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىغا سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامىدە بولسا: «ئەسەت ئەپەندىگە ئوخشاش باشقۇرغۇچىلاردىن بولغان بىزلەرمۇ ئامېرىكانى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق رەھبەرلىك سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزگە، ئائىلىمىزگە خاتىرجەم قايتىپ كەلگەنىدۇق، ئەمما ئەسەت ئەپەندى ئۇنداق بولمىدى. بىز ئۇنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي سوتلانغىنىدىن، ئۇ يەردە ئەقەللىي بىر ئادالەت تۇيغۇسىنىڭمۇ يوقلۇقىدىن قاتتىق سەسكەندۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ناھەقچىلىكنى دەرھال تۈزىتىپ، ئەسەت ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەسەت ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ھەدىسى بىلەن قايتا جەم بولۇشقا يول قويۇلۇشى كېرەك،» دېيىلگەن.

CNN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ھەل قىلىدىغان مەسىلىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرىدىكەن. شۇغىنىسى ئۇلار ئەكبەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان.

رەيھان ئەسەت بۇ مۇراجىئەتنامە يوللاش پائالىيىتىنى باشلاشتا خارۋاردتىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش ئورگىنىنىڭ سابىق رەئىسى سامانسا خانىم بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەكبەرنىڭ 15 يىللىق كېسىلىش دېلوسىدىن خىتايدىكى قانۇنسىزلىقنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇراجىئەتنىڭ ھەق-ئادالەتنى ياقلاشتىكى مۇھىم رولى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن يېقىنلىرى يوقاپ كەتكەن ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن ئائىلىلەر ئۈچۈن ئازابلىنىمەن، مېنىڭ يەنە يەنە تۇتقۇن قىلىنغان شۇ ئىككى مىليون ئىنسان ئۈچۈن يۈرىكىم ئاغرىيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى لاگېرلاردا ناچار شارائىتتا ياشاپ، ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغىنىدىنلا ئەمەس، بەلكى ناھەق سولانغان شۇ كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نەدىن ياردەم ئىزدىشىڭىزنى بىلەلمەي قالغان چاغدىكى ئۈمىدسىزلىكتىن ئازابلىنىسىز. نورمال بىر ئىنسان چوقۇم شۇنداق ھېس قىلىدۇ. بىز تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن بۇ جىنايەتنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالدۇق دەپ ئويلىدىم، مەن بۇ مەسىلىگە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقى ۋە بېسىمنىڭ ئاز بولغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندىم. تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەر ۋە باشقا ئاجىز ئىنسانلار بۇ خىل كەمسىتىش ۋە رەھىمسىز سىياسەتلەرنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتىدۇ. بىز خىتايدىكى سىياسىي دەللاللار ۋە مەنپەئەتكە باغلىنىپ بۇ ئىشقا كۆز يۇمغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە بۇ بەدەلنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتىپ قويۇشىمىز كېرەك.»

سامانسا خانىمنىڭ قارىشىچە، مەلۇم بىر شەخسنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى سۆزلەش، يەنى ئۇنىڭ تراگېدىيەلىك ھېكايىسىنى بايان قىلىش، «مىليونلىغان كىشى زۇلۇمغا ئۇچرىدى» دېگەندىن ياخشى بولىدىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەكبەر ئەسەت ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەلۇم بىر كىشىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھېكايىسى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇچرىغان بۇ زۇلۇمنى تونۇش ۋە چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بىز ئىككى مىليون كىشى تۇتقۇن قىلىندى دېگەن، ئاڭلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەس بولغان ئىشنى ئاڭلىساق نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەيمىز، ئەمما مەلۇم بىر كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت، بۇ زۇلۇمنى تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. رەيھان بىزگە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى سۆزلەپ بەرگەن چاغدا ئۆزۈمنى خۇددى كامبىرىج دەرسخانىسىدا ئەمەستەك ھېس قىلدىم، يۈرىكىم ئازابلاندى. رەيھان بۇ ئىشتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا يۈز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت تۇتقۇن قىلغان ئىنىسى ئەسلىدە خىتايدا جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان، ئىستىقبالى پارلاق كارخانىچى ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ كەچمىشى ئاشۇنداق ئادالەتسىزلىكنىڭ ئەمەلىي پاكىتىدۇر. بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىشى ۋە تەكرار بايان قىلىنىشى بىزنىڭ بۇ زۇلۇمنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇنى ئاياغلاشتۇرۇشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان بارلىق ئىنسانلار بۇ زۇلۇمغا قارشى بىر نەرسە دېيىشى كېرەك. شۇڭا مەن خارۋاردنى پۈتتۈرگەن 80 دىن ئارتۇق ساۋاقدىشىمغا قېتىلىپ، ئەكبەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا بېسىم ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش مۇراجىئەتنامىسىگە ئىمزا قويدۇم. بىز بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق خىتايغا ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالماقچى بولغان ھۆكۈمەتلىرىمىزگە بېسىم قىلىشىمىز، دوستلىرىمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئۇ يەردە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز، ئەڭ مۇھىمى، بۇ زۇلۇمغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك».

رەيھان ئەسەتنىڭ ساۋاقدىشى ھەم خىزمەتدىشى بولغان ديوگو سانتانا لوپس بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغان 80 نەچچە ئادۋوكاتنىڭ بىرى بولۇپ، ئەكبەر ئەسەت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن رەيھان ئەسەت ئۇچرىغان روھىي ئازابلارنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھەمدە بۇ مۇراجىئەتنامىنى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن رەيھان بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن مەكتىپىگە كەلگەن ۋاقتىدىلا تونۇشقان. ئۇنىڭ ئۆز ئىنىسى ئەكبەرنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەپ قانچىلىك كۆز يېشى تۆككەنلىكنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. كېيىن بىز ۋاشىنگتوندىكى ئادۋوكاتلىق ئورنىدا بىللە ئىشلىگەن چاغدا ئۇ ئاندىن ئىنىسىنىڭ خىتايدا غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى دەپ بەردى. مەن ئۇنىڭ قانۇن ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ يول مېڭىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم ھەمدە بۇ ئىش ئاشكارىلانغىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم. ئەمدى بولسىمۇ ھەق-ئادالەتنى تەشۋىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ھەسسە قوشالىدىم. خۇسۇسەن، ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە مۇراجىئەتنامىنى يېزىشقا ياردەملەشتىم. بىز رەيھاننىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. مەن بۇ خەتلەرنىڭ چوڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 80دىن ئارتۇق خارۋارد ئادۋوكاتلىرى ئىمزا قويدى، ئۇلارنىڭ خەلقئارادا ئىناۋىتى بار. ئىككىنچىدىن، بۇ خەت ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ، ماركو روبىيو ۋە كونسقا ئوخشاش سېناتورلارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.»

سامانسا خانىم خارۋاردنى پۈتتۈرگەن داڭلىق ئادۋوكاتلار ئىمزا قويغان بۇ مۇراجىئەتنامىنىڭ ئالدى بىلەن ئەكبەر ئەسەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ناھەق قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ۋە دۇنيانى بۇنىڭدىن ئاگاھ ۋە دانا بولۇشقا چاقىرىش ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈرەشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇراجىئەتنامە سۇنۇلغاندىن كېيىن مەن ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ ئەكبەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھەرىكىتىمىز ئۇنىڭ ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئادالەتسىز تۈزۈم ئاستىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ مۇراجىئەتنامىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق كەڭ-كۆلەمدە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەنگەن. ئەنگلىيە، گانا، مېكسىكا، ياپونىيە ۋە باشقا جايلاردىن بولۇپ خارۋاردتا قانۇن ئوقۇغان ئادۋوكاتلار بۇ مۇراجىئەتكە ئىمزا قويدى، دېمەك بۇ ئىش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. مەن بىر ئامېرىكالىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشۇم ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ئەكبەر ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن تۇتۇلۇپ 15 يىل كېسىۋېتىلدى. سىز كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئاندىن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ بۇنىڭ بەدىلىگە 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشنى، ئاخىرقى ھېسابتا بۇنىڭغا ئۆز كىملىكىڭىزنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! بۇ مۇراجىئەتنامە پەقەت بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كېيىنمۇ ئېلىپ بارىدىغان تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر. مەن خىتاينىڭ ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىدىغان قىلمىشىنى ۋە خاتا يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېنىق كۆرۈپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇراجىئەتنامە كۇپايە قىلمايدۇ. ئەمما سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىنكارچىلىققا باققاندا، بۇ، مەزكۇر مەسىلىنى ھۆججەت-ئىسپات ھالىتىگە كەلتۈرۈش ۋە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ.»

رەيھان ئەسەت بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق ساۋاقداشلىرى، كەسىپداشلىرىنىڭ «ھەقىقەتچى بول» دەيدىغان خارۋارد روھىغا ئاساسەن بۇ ئىشقا قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى، ئۇلاردىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەكبەر ئەسەت 2016-يىل 2-ئاي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «خەلقئارا زىيارەتچىلەرنى تەربىيەلەش رەھبەرلىك پروگراممىسى» غا قاتنىشىپ، قايتىپ بارغاندىن تۇتقۇن قىلىنغان، بۇ يىلنىڭ بېشىدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ ئامېرىكانى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىماقتا ئىكەن.