2-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2021-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇراسىمدا ئابدۇللا مۇھىددىنئوغلى ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى ئېلان قىلىندى ۋە مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپاتنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوغلى بىلال ئەردوغان تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپ بويىچە 2-ۋە 3-بولغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مۇكاپات تەقدىم قىلىندى.
ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئابدۇللا مۇھىددىنئوغلىغا 15 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سەھنىگە چىقىپ ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى شۇنداقلا ئۆزى ئوقۇغان ئۇنىۋېرسىتېتقا تەشەككۈر ئېيتتى، كېيىن تۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسىغا سالام يوللاش بىلەن بىرگە ئىككى ئەۋلاد ئائىلىسىنىڭ قانداق زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ خۇشاللىق كۈنىمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلەم، مېنى ۋە ماڭا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىم ھەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەيمەن».

ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىنى ھېچ قاچان چەتئەللىكتەك ھېس قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېرىنداشلىق، دوستلۇق مېھرى مۇھەببىتى بىلەن بىلىم ئالغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئوقۇش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ بىر ئانىدىن تۇغۇلغان قوشكېزەككە ئوخشاش قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. تۈركىستان خەلقى بىلەن ئاناتولىيە خەلقى گۆش بىلەن سۆڭەكتەك بىر جىسىمنىڭ ئەزالىرىغا ئوخشاش ئىكەن. تۈرك-ئىسلام ئىلىم مەرىپىتىنىڭ بىر تەرىپىدە مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولسا يەنە بىر تەرىپىدە يۈنۈس ئەمرە ۋە جالالىدىن رۇمىي بار ئىكەن. ئىستانبۇل ئاسىمىنىدا شەرەپ بىلەن لەپىلدىگەن تۈرك بايرىقىنىڭ، قەشقەر ئاسمىنىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ زەپەر قۇچۇپ لەپىلدىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم».
ئابدۇللا مۇھىددىنئوغلى ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى فاكۇلتېتتا بىلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ئىسلامى بىلىملەر فاكۇلتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە تارىخ فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئابدۇللا مۇھىددىنئوغلى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىم بۈگۈنكى كۈندە پەقەت مۇسۇلمان ۋە تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈنلا رەھىمسىزلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، بۈگۈن ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك ئەتە كېچىكىپ قالغان بولىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈشكە ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىمەن».
ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى 2010-يىلى ئىلىم تارقىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىپلومى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىكەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 57 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇرلاردىن 200 ئەتراپىدا ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ تور سەھىپىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ يىل قىز-ئوغۇل بولۇپ 60 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ھەر كەسىپلەر بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە كۆپلەپ ئوقۇشى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مەزكۇر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئالىي مەكتەپنى ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، مەكتەپنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپ ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يالغۇز پائالىيەت، دىپلوماتىيە ۋە سىياسەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىلىملىك كىشىلەرگىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدىيىتى بىلىم ۋە پەن-تېخنىكىغىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇلارنىڭ كۆپى ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن، بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي خىراجەتلىرى بىلەن ئوقۇغان. ھازىرغىچە تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشتى.
