يېقىندا ئېلون مۇسكنىڭ تېسلا شىركىتىنىڭ بىر مىليارد 500 مىليون دوللارلىق بىتكويىن تەڭگىسى سېتىۋېلىشى بىلەن مەزكۇر دىگىتال پۇل بىرلىكىنىڭ باھاسى تېز ئۆرلەپ، بىر تەڭگە بىتكويىن 47 مىڭ دوللارغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن بىتكويىن بىراقلا باي بولۇپ كېتىش ئارزۇسىدىكى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ تېخىمۇ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئامېرىكادىكى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلون مۇسكنىڭ بىتكويىنغا مەبلەغ سېلىشى ۋە بىتكويىننىڭ باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلىشى بىتكويىن قازغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تېخىمۇ جەلپ قىلىدىكەن.
بلۇمبېرگ ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنى BNEF دىكى ئانالىزچىلار، چۈنكى بىتكويىن قېزىش ئۈچۈن كومپيۇتېرلارنىڭ 24 سائەت مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزان باھالىق ئېلېكتر توكىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىتكويىن قازغۇچىلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان باھالىق ئېلېكتر توكى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئىقتىسادى پەنلەر دوكتورى قەيسەر مىجىت، ئەرزان باھالىق ئېلېكتر توكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېرلارنىڭ مۇرەككەپ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىتكويىن قازغۇچىلىرىنى بۇ خىل ئىمكان بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەيسەر مىجىت 16-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «نېمىشقا توك بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېگەن ۋاقىتتا بۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. خۇددى ئالتۇن قازغاندا گۇرېج دېگەندەك نەرسىلەر كېرەك بولغانغا ئوخشاش بىر بىت تەڭگىسىنى قېزىش ئۈچۈنمۇ كومپيۇتېر بولۇشى كېرەك. بۇ بىرلا كومپيۇتېر ئەمەس، نۇرغۇن كومپيۇتېرلاردىن تەركىب تاقاپ، ئۇنىڭ ئىچىدە GPU، دېگەن بىر سىستېما بار. GPU نىڭ ئىستېمال قىلىدىغان توكى ناھايىتى جىق بولىدىكەن».
ئەنگلىيەنىڭ كەمبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا دۇنيادىكى بىتكويىن قازغۇچىلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دۇنيادىكى بىتكويىن مەشغۇلاتىنىڭ 65% نىڭ خىتايدا قېزىلغانلىقى، ئۇنىڭ 35% نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەنلىكى، يەنى دۇنيادىكى بىتكويىن قېزىش مەشغۇلاتىنىڭ 3 دىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەرزان باھالىق ئېلېكتر توكى بىتكويىن قازغۇچىلىرىنى بۇ رايونغا جەلپ قىلىپلا قالمىغان، بەلكى يەنە خىتاينىڭ ئاليۇمىن، كرىمېي كرىستالى قاتارلىق كۆپ ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدىغان سانائەت كارخانىلىرىنىمۇ جەلپ قىلغانىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 22 تىيىن بولۇپ، بىر كىلوۋات توك خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭ رايونلىرىدىكى ئۆلكىلىرىدە 60-70 تىيىن ئىكەن. لېكىن دوكتور قەيسەر مىجىت، بىتكويىن قازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلىشىشى توك باھاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ پىلانلىق، ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
قەيسەر مىجىت: «ئىقتىسادى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىتكويىن قازغۇچىلارنىڭ توك باھاسى تۆۋەن بولغان يەرلەرگە بېرىشى، بۇ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىقتىسادنىڭ باشلىنىشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت مېنىڭ قارىشىم بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق، ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدىنمۇ بولۇشى مۇمكىن».
لېكىن دۇنيادىكى 3 دىن بىر قىسىم بىتكويىن قازغۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلدى، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلىشىشى، شۇنىڭدەك تېسلا شىركىتىنىڭ بىر مىليارد 500 مىليون دوللارلىق بىتكويىن سېتىۋېلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋې زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھەرقانداق شىركەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇشى جىنايىتى» سادىر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا سودا قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لۇئىسا گرېۋې مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بارلىق خەلقئارا شىركەت ۋە ئورۇنلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق جىنايەت يۈز بېرىۋاتقاندا بۇ رايون بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2018-يىلى 11-ئايدىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى يۈز بېرىۋاتقان بۇ رايون بىلەن نورمال سودا قىلىشنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بىز خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپ ۋەھشىي جىنايەت سادىر بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئېنىق دەلىللەرگە قارىماي، بۇ رايون بىلەن نورمال سودىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا غەزەپلىنىمىز».
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ جىنايىتىگە ھەمشېرىك بولۇش مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ھالقىپ كەتكەن بىر مەسىلە ئىكەن.
ئۇ: «شىنجاڭ دائىرىلىرى بىلەن بولغان ھەرقانداق ھەمكارلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق جىنايەتكە تېخىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. سىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا سوئال سورىشىڭىز ھاجەتسىز. بۇ يەردىكى سوئال رايوندا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتتىن پايدا ئېلىۋاتامسىز-يوق. سىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىشىڭىز ھاجەت ئەمەس. مەسىلەن، تېخنىكىلىق نازارەتنى ئالساق، نازارەت سىستېمىسىنى قۇرغان شىركەتلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ كامېراسى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى تەقىب قىلمايۋاتامدۇ. ئۇلار ئامالسىز يا ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى ياكى لاگېردا يېتىشى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەيدۇ. دۆلەت سادىر قىلىۋاتقان بۇ جىنايەت مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ھالقىغان» دېدى.
دوكتور قەيسەر مىجىتنىڭ قارىشىچە، بىتكويىننىڭ ئارقىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بار-يوقلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل پەرەزنى چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن. بىراق ئۇ بىتكويىننى قازغاندا مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ تەننەرخىنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلدىن كېيىن «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىگەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 403 مىليارد 150 مىليون كىلوۋات توك ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ 325 مىليارد 760 مىليون كىلوۋات سائىتى كۆمۈردە ئىشلەپچىقىرىلغانىكەن.