ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسوننىڭ 2018-يىلدىكى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى (5)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.04.25
Elise-Anderson-adil-mijit-wide.jpg نۆۋەتتە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىت ئەپەندى(ھازىر خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا) بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى قەشقەر.
Social Media

ئەلىس ئاندېرسون: «قۇمۇل ۋە تۇرپاندا كۆرگەنلىرىم»

ئامېرىكانىڭ ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتىدا دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەرىكىتىدە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئەلىس ئاندېرسون 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە 2012-2013-يىللاردىكى «يىپەك يولى ساداسى» ناملىق ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، «نازاكەت» دېگەن ئىسىم بىلەن ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان ئىدى. ئەلىس خانىم ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ 2018-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاخىرقى زىيارىتىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. ئۇ مۇخبىرىمىز مېھرىبان بىلەن ئۆتكۈزگەن بۈگۈنكى سۆھبەتتە قۇمۇل ۋە تۇرپاندىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئەلىس خانىمىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قۇمۇل ۋە تۇرپاندىكى ئۇيغۇر مازارلىرىغا بېرىشى چەكلەنگەن. كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان قۇمۇل خان ئوردىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ يوقىلىشى ئۇنى ۋە ساياھەت ھەمراھى بولغان دوستىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان. بولۇپمۇ قۇمۇل ۋە تۇرپاندىكى تولىمۇ قاتتىق نازارەت ۋە تەكشۈرۈشلەر، بۇ جايلاردىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدا خىتايلارنىڭ كۆپىيىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن ئازلاپ كېتىشىدەك رېياللىق ئۇلارنى ئېچىندۇرغان ھەم غەزەپلەندۈرگەن. سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئەلىس خانىم ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن 10 يىللىق خىتاي ۋىزاسىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.