يەركەن «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ئۇنتۇلمايدۇ

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.07.28
يەركەن «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ئۇنتۇلمايدۇ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى خوتەندە ھەربىي مانېۋىر قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن.
AFP

بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن يەنى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا زامانىۋى قوراللار بىلەن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك قەتلىئام مانىۋېرى، بۈگۈنكى تۈرمە-لاگېرلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قاباھەتلىك شەپىسى ئىدى.

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىغا قارىغاندا، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن بىرىدە شۇ جايدىكى ئاياللار بىر ئۆيگە يىغىلىپ تۈنەك كېچىسى ئۆتكۈزگەن؛ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ بۇ ئاياللارنى ئوققا تۇتقان. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەسەتلەرنى كۈتۈرۈپ ساقچىخانغا بېرىپ، ساقچىلاردىن بۇ ھەقتە جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ساقچىلار ئۇلارغا ئوق چىقارغان. نەتىجىدە، يۇرت خەلقى قوزغىلىپ نامايىش قىلغان. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ نامايىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ساقچى، ئارمىيە، بىرونىۋىك، تىك ئۇچار، ھەتتا ئادەمسىز ئۇچاق (درون) لىرىنى ئىشقا سېلىپ ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلاردا كەڭ كۈلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئاز دېگەندە 5 مىڭدەك ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان ۋە نەچچە مىڭ ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئاتالمىش «ئىسيانچىلار» تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان يېزا كادىرلىرىدىن غۇلام توختى، ئابدۇغېنى تۇردىلارنىمۇ «بىز كادىر، بىزنى ئاتماڭلار» دېگىنىگە قارىماي، ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم يەركەن «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى زور كۆلەملىك قەتلىئام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە 59 «ئىسيانچى»، 39 پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 96 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 250 دىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمىليەتتە بۇ پەقەتلا كۆز بويامچىلىق ئۈچۈن دېيىلگەن سان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاز دېگەندە 5 مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، بۇ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا شاھىد بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۈكۈم قىلىنغان. پۈتكۈل يېزا-مەھەللىلەر چۆلدەرەپ قالغان، جەسەتلەر نەچچە كۈنگىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان، بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇچۇر يوللىغان ئابابەكرى رەھىمنى «پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ھەمدە ئۇنى تېلېۋىزورلاردا «جىنايىتى» گە توۋا قىلدۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەركەن «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ پاجىئەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئازاب، خىتاي ئۈچۈن تارىخىي جىنايەت ئىكەنلىكىنى، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي جەريانىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ۋە خىتايدىن ھېساب سوراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، يەركەن «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىغا 8 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا قايتا خىتاپ قىلىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىرغىنچىلقتا ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ئاشكارىلىشى كېرەك. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىھەم يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى قايتا تەكىتلەيدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا، بارلىق قانۇنىي ۋاسىتىلارنى ئىشقا سېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋابكار جىنايەتچىلەرنى جازالاشقا چاقىرىدۇ».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ 2009-يىل 7-ئايدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن 2014-يىل 7-ئايدىكى «يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» غىچە، ئۇيغۇرلارغا قەدەممۇ قەدەم ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ 2017-يىلدىن كېيىن زور كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا پېتىنغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئەمدى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىم «يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەشنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۆتۈشتەك قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاش ۋە خىتايدىن ھېساب سوراشنى ئۇنتۇماسلىق جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.