ئەلىشىر ناۋائى توغۇلغانلىقىنىڭ 580 يىللىقىنى خاتىرلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

9-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە قۇتادغۇبىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەلىشىر ناۋائى توغۇلغانلىقىنىڭ 580 يىللىقىنى خاتىرلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر تور مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامى» دېگەن تېمىدا، پروفېسسۇر دوكتور ۋارىس چاكان «ئەلىشىر ناۋائى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا، دوكتور گۇلنار ئەزىز «شېۋىتسىيە لۇند ئۇنىۋېرستېتى گۇننار يارىڭ يىغمىسىدىكى ئەلىشىر ناۋائى ئەسەرلىرى قوليازمىلىرى» دېگەن تېمىدا، دوكتور رۇسلان ئارزىيېۋ «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرىدە ئەلىشىر ناۋائى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار» دېگەن تېمىدا، دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان «گېرىمانىيە بېرلىن دۆلەت كۈتۈبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئەلىشىر ناۋائى ئەسەرلىرى قوليازمىلىرى» دېگەن تېمىدا، دوكتور ئابلەت سەمەت، «ئەلىشىر ناۋائى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى»، دېگەن تېمىدا. دوكتور مەغپىرەت كامال «تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەلشىر ناۋائى ئەسەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

مۇھاكىمە جەرىيانىدا يەنە مۇزىكانت ۋە ناخشىچى مۇختار ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئىچىدىكى ئەلشىر ناۋائى غەللىرىنى ئاساس قىلغان مۇقاملاردىن ئارىيە تەقدىم قىلدى.

مۇھكىمە يىغىندا ئالدى بىلەن پروفېسسۇر دوكتور ۋارىس چاكان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئەلىشىر ناۋائى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا تۇتقان ئورنى توغرىسىدا توختالدى.

ۋارىس چاكان ئەپەندى تارىخىي مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەلىشىر ناۋائىنىڭ 1441-يىلى خوراساننىڭ ھىرات شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان شائىر ۋە دۆلەت ئەربابىي ئىكەنلىكى، ئەلىشىر ناۋائىنىڭ كېلىپ چىقىش توغرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بولسىمۇ، تارىخى مەنبەلەردە ئەلىشىر ناۋائىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىن ھىراتقا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەلىشىر ناۋايىنىڭ نەسەبى توغرىسىدا مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسىرىدە ئەڭ ئىشەنچىلىك مەنبە قالدۇرۇلغانلىقى، بۇ كىتابتا ئەلىشىر ناۋائىنىڭ «كىچىككىكە باخشى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ۋارىس چاكان ئەپەندى سۆزىدە ئەلىشىر ناۋائى ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە يالغۇز خوراساندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدا چوڭ تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى، ئاناتولىيەدىن ھىندىستانغىچە، خوراساندىن تۈركىستانغىچە بولغان جوغراپىيەلەردە 6 ئەسىر داۋام قىلغان چاغاتاي تىلىنى غەرب مەنبەلىرى «ئەلىشىر ناۋائى تىلى» دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور گۇلنار ئەزىز شىۋېتسىيەدىكى گۇننار ياررىڭ توپلىمىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن توپلاپ كەلتۈرۈلگەن قوليازمىلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ جەمئىي 560 پارچە قوليازمادىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئەسەرلىدىن «قۇشلار تىلى»، «ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى»، «پەرھات-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»، «يەتتە سەييارە»، «ئىسكەندەر سېپىلى» قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

دوكتور ئابلەت سەمەت «ئەلىشىر ناۋائى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى» دېگەن تېمىدا توختىلىپ، ناۋائى تىلىنىڭ ئەسلى قايسى تىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بارلىقىنى، بەزى تەتقىقاتچىلار «تۈركى تىلى» دىسە، بەزى تەتقىقاتچىلار ئۆزبېك تىلى دېگەندەك قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئەلىشىر ناۋائى ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن تىلنىڭ ئۇيغۇر چاغاتاي تىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 1439-يىلى «قۇتاتغۇ بىلىگ» نىڭ ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن قوليازمىسىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇ دەۋردە يېزىلغان ماتېرىياللارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇ يېزىقلار بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ، ھېچقانداق قىينالماستىن چۈشىنەلەيمىز، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دەۋردىكى تىل خارازىم تۈركچىسى دەپ ئاتالغان، بىراق بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللەت ئاتالغۇسى ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. ئەلۋەتتە، ناۋايىنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلى، ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا، شۇ ۋاقىتتىكى ئېھتىياجغا ۋە شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە ئاساسەن بۇ تىل ‹تۈركى تىلى› دەپ ئاتالغان.»