ئامېرىكالىق بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» بولماسلىقتەك تارىخىي بوشلۇققا خاتىمە بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.01.26
ئامېرىكالىق بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» بولماسلىقتەك تارىخىي بوشلۇققا خاتىمە بەرگەن بىر ئەما بالانىڭ ئەمالار يېزىقى كىتابىنى ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2010-يىلى 19-مارت.
REUTERS

ئەمالار يېزىقى 1825-يىلى فرانسىيەلىك لۇئىس بېرەيىل تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان. شۇنىڭدىن 200 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكالىق بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ۋە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئاخىرى مۇكەممەل بىر «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» بارلىققى كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ يوقىتىشىغا دۇچ كلەگەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەللەردىكى كۆرۈش ئىقتىدارى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر يېزىقىدا ئالاقىلىشىش، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كىتاب، ئەدىبىي ئەسەرلەر ۋە مەدەنىيەت ۋەسىقىلىرىنى ئوقۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇشىنىڭ يولى ئېچىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاشىنگتوندىكى «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇغۇچىسى ۋە تىلشۇناسلىق ھەۋەسكارى خاررىس موۋبېرەي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرتدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە تىلشۇناسلىرىنىڭ ياردىمىدە «ئۇيغۇر ئەمەلار يېزىقى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بۇ جەھەتتىكى چالا قالغان بوشلۇقىنى تولدۇرغان.

خاررىس موۋبېرەي 25-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئ‍ىشلىگەن ئەمالار يېزىقلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئ‍ۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخرلىنىمەن. مەن بۇ يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىشى، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئەمالار يېزىقىدا يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئارقىلىق ئەمالار ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىش، ھەتتە ئېلخەت ئەۋەتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ھەرپلىرىدە ئەرەب ئېلىببەسىدە يوق ھەرپلەر بولغاچقا، مېنىڭ ئەرەب ئەمالار يېزىقىغا ئائىت پروگراممىلىرىمغا ئۇيغۇر تىلىدا بولغان ھەرپلەرنى قوشتۇم، ئۇيغۇر ھەرپلىرىگە ۋاكالەتلىك قىلسۇن، دەپ. بۇ خەلقئارا ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلغاچقا، رۇس ۋە ئېنگلىز تىللىقلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەمالار تىلىنى ئ‍ۆگىنىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ.»

خاررىس موۋبېرەينىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتىكى «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» ئەرەب ئەلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ لاتىن ياكى كېرىل يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈنمۇ شۇنداق قولايلىق ئىكەن.

خاررىس موۋبېرەي مۇنداق دىدى: «بۇ يېزىقتا مەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئەرەب ئەلىببەسىنى ئىشلەتتىم. چۈنكى بۇ يېزىق لاتىن ياكى كېرىل ئەلىببەسىگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ھالبۇكى، سىز لاتىن ئەلىببەسى ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايسىز. چۈنكى مەندە يېزىقنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش پروگاممىسى بار. سىز بۇ پروگراممىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەمالار يېزىقىغا ئۆزگەرتەلەيسىز. راستىنى ئېيتقاندا، بىرەيلەن پەقەت لاتىن ھەرپلىرىنىلا بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ‹ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى› نى ئاسانلا ئۆگىنەلەيدۇ. بۇنىڭ چوڭ پەرقى يوق. بۇنىڭ پەرقى ناھايىتى كىچىك. ئ‍وخشاشلا كرېل يېزىقىنى بىلگەنلەرمۇ ‹ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى› نى ئاسان ئۆگىنەلەيدۇ. بۇلارنىڭ پرىنسىپى ئ‍وخشاش. چۈنكى ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەر بىر تاۋۇش مۇستەقىل يېزىلىدۇ. ئەرەب تىلى ياكى ئەرەب ھەپلىرىنى ئىشلىتىدىغان باشقا تىللار ئۇنداق ئەمەس.»

ئۇيغۇرلاردا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار ياكى ئەمالارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ھېچقاچان ئىستاتىستىكا قىلىنىپ باقمىغان ياكى قىلىنغان بولسىمۇ ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان. «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى مەلۇم. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار 1980-يىللاردىن باشلاپ «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» نى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ 1983-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق كادىرى گۈلبوستان ئابدۇغوپۇر تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى لايىھەسى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ كېيىنكى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەركىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇمىييۈزلۈك چەكلەش ھەركىتى، «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» نىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمىلىيلىشىشىنى بوغۇپ تاشلىغان.

«ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلىق ئەزاسى، د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېرىكتورى ئەنۋەر ئەخمەت 25-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدەك بىر چوڭ تىلدا ئەمالار يېزىقىنىڭ بولماسلىقى ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى ۋە ھازىر بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر ئەخمەت مۇنداق دېدى: «2000-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەتتە، جەمئىيەتتە ئىستېمالدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئەمالار يېزىقىنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولمىدى. ئەمما بۇ جەھەتتە ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تىلشۇناس مۇتەخەسسىسلەر كۆپ ئىزدەنگەن. ئۇلار نۇرغۇن ئىجابىي تەكلىپ ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق مۇناسىۋەتلىك مائاارىپ تارماقلىرى بۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمىگەن،» دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېزىق چەت ئەللەردىكى ئەما ئۇيغۇرلارنى نورمال ئىنسانلاردەك ئوقۇش، يېزىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەپلە قالماي، مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلانغاندا، ۋەتەن ئىچىدىكى ئەمالارنىڭ خىزمىتىگىمۇ سۇنۇلىدىكەن. ئەنۋەر ئەخمەت مۇنداق دىدى: «چەت ئەللەردە مېيىپ قېرىنداشلىرىمىز، يەنى ئەما قېرىنداشلىرىمىز توغرىسىدا تولۇق ئىستاتىستىكا يوق. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئەما قېرىنداشلىرىمىزمۇ نورمال ئىنسانلاردەك يېزىش، ئوقۇش، مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان شارائىتتا ياكى مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاندى دېيىلسە، بۇ يېزىق ۋەتىنىمىزدىكى ئەما قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ سۇنۇلىدۇ.»

«ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» خاررىس موۋبېرەينىڭ تۇنجى خىزمىتى ئەمەس. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىسى ئىلگىرىمۇ رومانىيە، ئەزەربەيجان، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يەرلىك ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا ئەمالار يېزىقى تۈزۈپ بەرگەن. بۇ پولشادىكى كاشۇبىيان ۋە سىلېسىيان خەلقلەر توپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاررىس موۋبېرەينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئەمالار يېزىقى تۈزۈش خىزمىتىنى 2021-يىلى 1-ئايدا باشلىغان ئىكەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خىزمەتنى 2021-يىلى يانۋاردا باشلىغان، يەنى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا. مەن دائىم باشقا تىللارغا قىزىقىمەن. مەن ئىسپانچىنى سۆزلىيەلەمەن، شۇنداقلا باشقا بىر قانچە تىلنىمۇ بىلىمەن. مەن ھازىر يەرلىك ئامېرىكا قەبىلىلىرىنىڭ تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىلشۇناسلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتىمەن. مەن ئۇلاردىمۇ ئەمالار يېزىقىنىڭ يوقلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىدىمۇ ئەمالار يېزىقى يوق، دەپ ئويلىدىم ھەم تورغا كىرىپ ئىزدەشكە باشلىدىم ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلدىم.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ھەرقانداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئ‍ۆزلىرىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دىدى: «مېنىڭ نۇقتىئىنەزەرىمدىن قارىغاندا، ئەمالار يېزىقىنى تۈزۈش بەك مۇھىم. چۈنكى ئۇ ئەمالارنى كۈچلەندۈرىدۇ… كۈچلەندۈرۈپلا قالماي، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ، ئ‍ۆز تىلىنى ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىدۇ. ھازىر مەن ئ‍ۆز ئائىلەمنىڭ ئانا تىلى يېدىش تىلى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 1944-يىلى 10 مىليون ئادەن يېدىش تىلىدا سۆزلەشسىمۇ، بىراق ھازىر 250 مىڭ ئادەم قالدى. چۈنكى يەھۇدى قىرغىنچىلىقىدا ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئ‍ۆلتۈرۈلدى ياكى ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى. بىراق بىز يەنىلا ‹يېدىش تىلىدا ئۈمىد بار، چۈنكى بىز يەنىلا ئۇنىڭدا سۆزلىشىۋاتىمىز› دەپ قارايمىز. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى قانداق قىيىن ئەھۋالدا قېلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر تىلىدىن ۋاز كەچمەسلىكنىڭ يولى ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىشتۇر.»

ئەنۋەر ئەخمەتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، تىلى ۋە مەدەنىيىتى ۋەيران قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ خىزمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەركىتىگە قارىتا بېرىلگەن بىر قارشىلىق، بىر ئىنكاس ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» نى تۈزۈپ چىقىشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 25-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ خىزمەتنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ پۈتمىگەن بىر لايىھەنى تاماملىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى» ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، «گەرچە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە ئىستاتىستىكسى كەمچىل بولسىمۇ، بىراق بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا پاكالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈلۈشىدە قىممەتلىك» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.