لوندوندا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.11.15
engliye-ikki-jumhuriyet-kuni-xitirilesh-1.jpg ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائئالىيىتىدن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 13-نويابىر، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار لوندوندا تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

11-ئاينىڭ 13-كۈنى لوندوندىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە  جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىرلىكتە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىسىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماھىرە ئەيسا خانىم، ئۆز نۇتۇقىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنى قايتا قۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇدرەتلىك دۆلەتلەر قۇرغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ قايتا قۇرۇشقا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.  ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىز ئارقىلىق مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، -يىلى 13-نويابىر، لوندون.
پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، -يىلى 13-نويابىر، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

بۇ مۇراسىم ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ دىنىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل خادىمى، جامائەت ئەربابى ئابدۇكېرىم زاھىر ئەپەندى، بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈشىمىزدە بىر قانچە سەۋەب بار. بىرىنچىسى، ئەجداتلىرىمىز تارىختا قۇرغان دۆلەتلەرنى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەسلىتىش. يەنى بىزنىڭ تارىختا دۆلەت قۇرغان ۋە پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بىر مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە خاتىرلىتىش؛ ئىككىنچىسى، مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان ۋاقىتلاردا ئەجداتلىرىمىز مۇستەقىللىقنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق كۆرەشلەرنى قىلغان، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ بايرىقىمىزنى قانداق لەپىدەتكەن، مۇستەقىللىق ئۈچۈن جېنىنى ئايىماي قانداق كۈرەشلەرنى قىلغان؟ بىز بۇ سوئاللارنى بالىلىرىمىزنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق.»

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمۇ مەخسۇس دوكلات بەرگەن. ئۇ، نۇقتىلىق ھالدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە يوق قىلىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان. ئاندىن ئۇ كېيىنكى 20 يىل جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن يىغىپ كەلگەن 1944-يىلى غۇلجادا  قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى چىقارغان مېداللار، كىتابلار ۋە گېزىت-ژۇرناللارنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مەلۇمات بەرگەن. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى راديومىزغا بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

1944-يىلى غۇلجادا  قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى چىقارغان مۇزىكا-سەنئەت مېدالى، سۈرەتنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەمىنلىگەن.
1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى چىقارغان مۇزىكا-سەنئەت مېدالى، سۈرەتنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەمىنلىگەن.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر پائالىيەتنى ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە لوندون ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.