ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021-04-04
Share
ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 10-مارت، لوندون.
REUTERS

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل ھالدا يىرىك ھالەتنى ساقلاپ قالىدىكەن ياكى يامانلىشىپ بارىدىكەن.

يېقىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىرلىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى ئېلان قىلغان.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ئېكسپرېسس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى فىلىپ بالدۋىن بۇنىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى ئېلان قىلغان تۇنجى جازا تەدبىرى ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قارىشىمچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشقا باشلىمايدىكەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل يامانلىشىپ ماڭىدۇ.»

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايمۇ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، 9 نەپەر ئەنگلىيە پۇقراسىنى ئوز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون ياۋروپا دىپلوماتى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا ئېمبارگو ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان فلىپ بالدۋىن خىتاي ئېلان قىلغان بۇ خىل ئېمبارگولارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت