ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلىشى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرغان بىر قىسىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوغۇق ھالەتكە كىرىپ قالغان ئىدى.
30-ئاۋغۇست كۈنى ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلىي، ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېيجىڭدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەن جېڭ ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەيمېس كلېۋېرلىي خىتايغا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى ئاقلاپ، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشنىڭ خاتالىقىنى ئېيتقان.
ئۇ بېيجىڭدىكى 24 سائەتلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەنگلىيەگە قايتىدىغان ئايروپىلانىغا چېقىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ تۋېتتېر(X) ھېسابىدىن ۋىدىيولۇق ئۇچۇر يوللىغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، لېكىن بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ۋىدېيوسىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن قوشۇپ ھەمبەھىرلىگەن: «مەن بېيجىڭدا شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرى، جىممىي لەي ۋە خىتاينىڭ ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى توغرىسىدا خىتاي بىلەن سۆزلەشتىم. ئەمما بىز باشقا ئىشلاردا خىتاينى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. بىز ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك.»
ھالبۇكى، خىتاي تەرەپ ھازىرغىچە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرى ۋە ئۇنىڭ بىكار قىلىنىشى، شۇنداقلا باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غەرب ئەللىرىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ھەرۋاقىت خىتاينىڭ يالغانلىرىغا ئالدىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «تاماشىبىن ژۇرنىلى» (The Spectator) ۋە «مۇھاپىزەتچى» (Guardian) گېزىتىدە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە «ئىقتىساد ۋاقتى» (Financial Times) گېزىتىدە ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلىيگە قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان.

ئۇ، «تاماشىبىن ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «كلېۋېرلىي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ. شى جىنپىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىدى. بىز يېقىنقى بىر قانچە يىلدا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن يەنە بىر مىللەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قامالغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. لاگېر شاھىتلىرى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاق، ئاچ قالدۇرۇلۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە باشقا دەھشەتلىك ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئاشۇ جازا لاگېرلىرىدا تۇرماقتا. كلېۋېرلىينىڭ بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىدىغان بىر پۇرسەت ئىدى. ئۇ ئەكسىچە بۇ مەسىلىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى. تارىخ، كلېۋېرلىينىڭ خەلقىمگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ چۈشكەن بۇ سۈرەتلىرىگە ھەرگىزمۇ ياخشى باھا بەرمەيدۇ.»
رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ يازغان ماقالىلىرى ۋە خەتلىرىدە ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا قارىتا كەسكىن بىر تەدبىر ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىككى-تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «كېلىشەلمىگەن تەرەپلەردە سۆزلىشىش» ۋە «مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جايلاردا ھەمكارلىشىش» مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتىنى تەھلىل قىلدى.
ئۇ يەنە ئەنگلىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «ئىلمان مۇناسىۋەت» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالدى.
رەھىمە خانىم «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە يازغان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەرگىزمۇ جىنايەتكە ئورتاقلىشىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇنى تىزدىن توختىتىشقا كونكرېت ھەرىكەت تەلەپ قىلىدىغان جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى؛ دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئەركىن كىشىلەرنىڭ ياكى ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ياكى ئىنسانىي ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللاشقا قارار بېرىش پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
