ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىق ھەققىدىكى «سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى» ماقۇللانغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-10
Share
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىق ھەققىدىكى «سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى» ماقۇللانغان خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكىنىڭ كوردىناتورى لۇك دې پۇلفورد (Luke de Pulford) ئەپەندى.
Social Media

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 8-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-دېكابىر ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئەنگىلىيە «سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى» نى مۇزاكىرىگە قويۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەن، نەتىجىدە بۇ لايىھە 161 ئاۋازغا قارشى 287 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر قانداق دۆلەت بىلەن سودا قىلماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدىكى پرىنسىپ دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملانغان.

بۇ خەۋەرنى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن لۇك دې پۇلفورد ئەپەندى (Luke de Pulford) خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكىنىڭ كوردىناتورى (ماسلاشتۇرغۇچىسى) بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگىلىيە «سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى» نىڭ بۇ قېتىملىق مۇزاكىرىگە قويۇلۇش ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ تۈزىتىش لايىھەسى ماقۇللىنىشتىن ئاۋۋال ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئۇنى مۇنازىرە قىلىدىكەن. بۇ قېتىم مەزكۇر لايىھەنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا يۇقىرى ئاۋازدا ماقۇللىنىشى كېيىنكى باسقۇچ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە بۇ تۈزىتىش لايىھەسى ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ ئەنگلىيە خىتاي بىلەن داۋاملىق سودا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇزاكىرىگە قويۇش يىغىنىدا بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئەنگلىيەنىڭ 4-چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكى ئىكەنلىكى، خىتاي بىلەن بولغان سودا سوممىسىنىڭ 76 مىليارد فوند سىتېرلىڭ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ تۈزىتىش لايىھەسىگە قارشى ئاۋاز بېرىشنى تەرغىپ قىلغان. ماقالىدە «دېمەك، بۇنىڭدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىشىنىڭ قىممىتى 76 مىليارد فوند سىتېرلىڭ دېگەن مەنە چىقىدۇ» دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ تۈزىتىش لايىھەسى ئەنگلىيە ئالىي سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم چىقىرىشىنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چۈنكى ئەنگلىيە يىللاردىن بېرى خەلقئارا سوتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت ھۆكۈمى بولماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالماي كەلگەن. رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مەسىلىسى ئەنگلىيەدە ئەدلىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىش دەپ قارىلىپ كەلگەن. پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئەنگىلىيە پۇقرالىرى ئەنگىلىيە ئالىي سوتىغا خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلالايدۇ. ئەگەر ئەنگلىيە ئالىي سوتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتسە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

«سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى» دە بۇ تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ نېمىشقا زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەنگلىيە بەلكىم ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى›نى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەنگلىيەنىڭ يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسىتى شۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ھۆكۈمەت ياكى قانۇنغا مۇناسىۋەتسىز ئورگانلار ئەمەس، بەلكى ئەدلىيە ئورۇنلىرى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەمما خەلقئارا ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ايونىدىكى زوراۋانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار كۆپلەپ ئاشكارلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ مەسىلىنى تېخى خەلقئارا سوتقا سۇنغىنى يوق، خىتايمۇ بەلكىم ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەنگلىيە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى›گە قېتىلغان چاغدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسىدىغانلىقى ۋە ئۇنى جازالايدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇشقا ياردەم بېرەلمەيدىغان سىياسەتلىرىمىزدە چىڭ تۇرۇۋالساق، يۇقىرىقى ۋەدىنى ئورۇنلىيالمايمىز. ئەگەر سوت مەھكىمىسى ئۇ جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتسە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ بۇنىڭغا مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسى مۇۋاپىق كېلىدۇ ۋە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ».

لۇك ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹بىرىنچىدىن، بۇ سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى˂ ئەنگىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دۆلەت بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ بىر ئىسلاھات خاراكتېرلىك تۈزىتىش لايىھەسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەنگىلىيە سوتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق دۆلەت ياكى ئورگانغا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. بۇ تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت ۋە ئۇنىڭ سوتىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىز بۇ تۈزىتىش لايىھەسىنى كېيىنكى قەدەمدە ماقۇللىتالىساق، ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ چوڭ قانۇنى بولۇپ قالىدۇ. بۇ پەقەت سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە ئەنگىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىغان، ئابىدە خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەت نىزامىدۇر».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇنى ئۈلگە قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ لايىھە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئەگەر بىر دۆلەت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىلىپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بەردى». رەھىمە خانىم بۇ تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ياردىمى بولۇش جەھەتتىنلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىمۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل قانۇن ماددىلىرى ياكى تۈزىتىش لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا بىر ئۆرنەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت