ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئەنگلىيەدە ئۇتۇق قازاندى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېكىسپورت بازارلىرىنىڭ بىرى بولغان ياۋروپا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان توۋارلار ئ‍ىچىدە ساغلاملىققا دائىر بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ بولۇشى، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولۇشى يېقىنقى مەزگىللەردە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇنىڭدەك ئەنگلىيەدىكى ھەرقايسى پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان سەھىيە ۋازارىتىدە ئەڭ دەسلەپ بۇ ھەقتىكى ئەمىلىي ھەركەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەنگلىيە سەھىيە ۋەزىرى ساجىد جاۋىد (Sajid Javid) ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئالدىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ساغلاملىق ۋە سەھىيە قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەمدە قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان ھەرقانداق سەھىيە مەھسۇلاتىنىڭ ئەنگلىيەگە ئ‍ىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇ لايىھە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە جىددىي مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ تۈزىتىش لايىھەسىدە ئەنگلىيە دۆلەتلىك سەھىيە مۇلازىمىتى (NHS) نىڭ زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىدىن خالىي ئىكەنلىك ھەققىدىكى ئىجازەتنامىسىنى ئالمىغان ھەرقانداق شىركەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان ھەرقانداق ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئەنگلىيە تۇپرىقىغا ئېلىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. 27-ئاپرېلدا بولسا ئاخىرقى مۇھاكىمىدىن ۋە ئاۋاز بېرىشتىن ئۆتۈپ، مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسى رەسمىي ھالدا ماقۇللاندى. بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ساجىد جاۋىد مەخسۇس سۆز قىلىپ: «مەن بۇ قېتىمقى غەلىبىنىڭ بىرىتانىيە پادىشاھلىقىنىڭ قۇللۇق ئەمگىكى ۋە ئادەم سودىسىغا دائىر تەمىنلەش زەنجىرىگە خاتىمە بېرىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى.

مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئەنگىلىيە سىياسى ساھەسىدىكى زاتلار ئۈچۈنمۇ بىر قېتىملىق مۇھىم سىناق بولغانلىقى مەلۇم. ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى، ئەنگلىيە خىزمەت ۋە پېنسىيە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى ئىيان دۇنكان سىمىس ئەپەندى ئۆزى باش بولۇپ تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق «ئىسيانكار» ھەركەتنىڭ نەتىجىسىدىن خوشال بولۇش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭ باياناتىدا مۇنۇ قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «بىز بۇ ئارقىلىق دۇنياغا تولىمۇ كۈچلۈك بىر سىگنالنى يوللىماقتىمىز: ئۆزىدىن ئاجىزلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغانلار ۋە قورقۇنچقا گىرىپتار قىلغانلار ھەرقاچان ئادالەت شەمشىرىنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سەھىيە ۋازارىتىنىڭ قۇللار ئەمگىكى مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر ۋە قۇلار ئەمگىكىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ قولىدىن چىققان مەھسۇلاتلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى مۇلازىمىتىنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى قىزغىن ئالقىشلايمەن. ‹خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە پارلامېنتلار ئىتتىپاقى› غا ئەزا بولغۇچىلار ئىزچىل بۇ مەسىلە ھەققىدە جاپالىق كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولدۇق. بۇنى چىن دىلىمدىن ئالقىشلاش بىلەن بىرگە باشقا ۋازارەتلەرنىڭمۇ تېزدىن مۇشۇ شەكىلدە قارار ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئەنگلىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ بېسىم قىلغان پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى لوندوندىكى «ئۆرلەش فوندى جەمىيىتى» ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى لۇك پۇلفورد (Luke de Pulford) بۇ قېتىملىق تۈزىتىش لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىدىن كېيىن بۇنى «2015-يىلى بارلىققا كەلگەن ‹زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› دا بارلىققا كەلگەن ئەڭ چوڭ ئىلگىرىلەش،» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى: «ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق تۈزىتىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئۇلار مەھسۇلات ئىمپورت قىلىۋاتقان جايدا قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدۇر. بىزمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان ھەركەتلەرنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلدۇق. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تەلىپىمىز ھۆكۈمىتىمىزنىڭ زامانىۋىي قىرغىنچىلىق ۋە قۇللۇق ئەمگىكى داۋام قىلىۋاتقان بىر رايوندىن ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتىن ساقلىنىىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش بولدى. ئاخىرى بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى تۆۋەن ۋە يۇقۇرى پالاتانىڭ بىردەك ماقۇللىشىدىن ئۆتتى. بۇ جەرياندا بىز ھۆكۈمىتىمىزگە ئۇلارنىڭ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىز تەكىتلەۋاتقان نۇقتىغا قاراپ سىلجىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلىدۇق. ئاخىرى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ‹قۇللۇق› دېگەن سۆزنىڭ سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجرىدە بولۇشىغا خاتىمە بەردى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ مەسىلىدە ھەر تەرەپلىمە پائالىيەتلەردە بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ لوندون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەھمۇت بۇ جەھەتتە كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك ئالاقە جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بىر رايوندا ئىشلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇشى ھەمدە قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قالماسلىقىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

لۇك پۇلفورد ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇنىڭ ئاددىيغىنە ھالدا بىر قانۇندىكى مەلۇم بىر ماددىنى ئۆزگەرتىپ قويۇش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى: «بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇق. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەنكى، بۇ بىزنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىمىزدا ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئىلگىرىلەش ھېساپلىنىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى مەسىلىسىدە بولسا ئەنگلىيەنىڭ قانۇنىنى ئەڭ ئىناۋەتلىك بىر باسقۇچقا يۈكسەلدۈردى. شۇڭا مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇرسەن بولۇش بىلەن بىرگە بەكمۇ ئىپتىخارلىنىمەن. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا بۇ قېتىمقى تۈزىتىش لايىھىسى ئەنگلىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان سەھىيە بۇيۇملىرىغا ھەمدە خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى زامانىۋى قۇللۇقنى زور كۆلەمدە كېڭەيتىشىگە نىسبەتەن مەلۇم چەكلەش كۈچىگە ئىگە. چۈنكى بىز بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى دۆلەت بىۋاستە قول تىقىپ كېڭەيتىۋاتقان قۇللۇق ئ‍ەمگىكىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلىيەلەيمىز. ئەمدى بىز ئۇيغۇر دىيارىغا قارايدىغان بولساق بۇ جايدا غايەت زور كۆلەملىك قۇللار ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز ئىدى، ئۈنۈمى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان يېرىمىزمۇ مۇشۇ ئىدى. شۇڭا بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ خوشال بولماقتىمىز.»

رەھىمە مەھمۇتنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تونۇشى زور دەرىجىدە ئۆسكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدا ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن قالسىلا ئىككىنچى بولۇپ بەزى ئەمەلىي ھەركەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بەزى نېگىزلىك ئامىللارمۇ بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.