ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» ھەرىكىتىگە 90 مىڭ فوند ستېرلىڭ ياردەم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-08-02
Share
ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» ھەرىكىتىگە 90 مىڭ فوند ستېرلىڭ ياردەم قىلىنغان ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پېرىس فوندى (Pears Foundation) نىڭ توربەتى.
pearsfoundation.org.uk

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قەبىھ زىيانكەشلىك بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، بۇ قىرغىنچىلىقنى قانداق توختىتىش، خىتايغا قانداق سىياسەت ۋە ھەرىكەت قوللىنىش مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاش بىلەن توختاپ قالماي، ئالدىنقى ھەپتە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغان. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئالغان قارارلىرىدا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان يەھۇدىي جامائىتى بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئەمەلىي ياردەم قىلغان. ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پېرىس فوندى (Pears Foundation) «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» ھەرىكىتىگە 90 مىڭ فوند ستېرلىڭ ئىئانە قىلغان.

پېرىس فوندى 1991-يىل قۇرۇلغان خەير-ساخاۋەت فوندى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ۋىليام پېرىس جەمەتىنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدىن كېلىدىكەن. بۇ خەير-ساخاۋەت فوندى يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋى ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىمنىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» گۇرۇپپىسىغا 90 مىڭ فوند ستېرلىڭ ياردەم قىلغان.

رەھىمە خانىم بۇ گۇرۇپپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون شۆبىسىدىكى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بارغانچە تەرەققىي قىلىپ، كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، پېرس فوندى ياردەم قىلغان بۇ پۇل «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى تېخىمۇ كەسپىي ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى (29-ئىيۇل) «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» نى رەسمىي باشلاش، جۈملىدىن پېرس فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە پېرس فوندىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشقان. رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، زىياپەتتە ئۇيغۇر تائاملىرى قويۇلغان، ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرى ئورۇنلانغان، كەيپىيات ناھايىتى جانلىق، جۇشقۇن ۋە تەسىرلىك بولغان.

بۇ پائالىيەتتە پېرس فوندىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۇشانا بويد گېلفەند خانىم قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، «قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېگەن چاقىرىققا قارىماي دۇنيادا يەنىلا بۇ جىنايەتنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى توختىتىشقا جەزمەن ئىشىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز پۈتۈن دۇنيادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلغاندىلا ئۇنى يوقىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك، خىزمەت تېخى ئاياغلاشمىدى. بىز پېرىس فوندى، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەيمىز، ئەمما بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلار بار، بىز شۇلارغا ياردەم بېرىمىز».

ئاخىرىدا ئۇ پېرىس فوندىنىڭ رەھىمە خانىمنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۇنىڭ ھەرگىز يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» گۇرۇپپىسى پارتىيە، مىللەت ۋە جامائەت ھالقىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تۈپ نىشان قىلىدىكەن، ئەنگلىيەنى ئاساس قىلىپ پۈتۈن دۇنيادا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللىك پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەنگلىيەدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت