ئالىملار: ئۇيغۇر كىرىزىسىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىسپاتلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-02
Share
19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن بىر مەزگىل چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنۇپ باققانلىقى ئاشكارىلاندى لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
bitterwinter.org

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار مەلۇم بولۇۋاتقاندا 1-سېنتەبىر كۈنى ئەنگلىيەدىكى نيو كاسېل ( «يېڭى قەلئە» ) ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەچچە ئونلىغان پروفېسسورلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئۈچ كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى باشلىدى. يىغىنغا قاتناشقان ئالىملار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ چىقتى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا رەسمىي ئېچىلىۋاتقان «شىنجاڭ كىرىزىسى: قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئادالەت» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى مۇھاكىمىلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرى ھەمدە نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ماددىي ئىسپاتلىرىنىڭ توپلىنىشىغا بېغىشلاندى.

بۈگۈنكى تۇنجى مەيدان مۇھاكىمىدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد ئالاھىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئېغىر كىرىزىسلارنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى.

پروفېسسور جېيمىس مىللۋاردنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ ھەققىدىكى باسما ماتېرىياللىرىدا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇلغان بايانلار رېئاللىققا ئەمەس، پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇلغان ھالدا تۈزۈپ چىقىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسلارنى چۈشىنىشتە بۇ بايانلار بىر قىسىم كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى توغرا بايانلاردىن خەۋەردار بولۇش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى كىشىلەر ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان بايانلارنىڭ بىرى «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە بولغان ماكان» دېگەن مەزمۇن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن غەرپ دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسى ياكى باشقا ساھە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى تىلغا ئالغان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى «بۇ دېگەن بىزنىڭ زېمىنىمىز. شۇنداق بولغانىكەن بۇ ئىشلار بىزنىڭ ئى‍چكىي ئىشلىرىمىز. باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھەققى يوق» دەپ جاۋاب بېرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا «خىتاي دۆلىتى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۆزى تېخى يېقىنقى زاماندا ئاندىن پەيدا بولغان نام ئىكەن. يەنە كېلىپ «بىرلىككە كەلتۈرۈش» ياكى «تىنچلىق بىلەن ئازات قىلىش» دېگەندەك ناملاردا مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىن «شىنجاڭ» دەپ نام قويۇلغان، باشقىلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ ماكاننى تارىخىي ياكى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن ھەرقانداق قىلىپمۇ «خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىكەن. بۇ خۇددى رىم ئىمپېرىيىسى قەدىمكى زاماندا ئىشغال قىلغان مەلۇم بىر جاينى بۈگۈنكى كۈندە «ئىتالىيەنىڭ بىر قىسمى» دېگىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش ئىكەن.

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا تەۋە ھەممىلا نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. شۇ قاتاردا چىڭ ئىمپېرىيىسى «ئالتەشەھەر» دەپ ئاتالغان بۇ رايوننى ئىشغال قىلغان ۋاقىتلاردىن باشلاپ داۋام قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىمۇ ئوخشاشلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە «مىراس» قالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايوننى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشغال قىلغان چىڭ ئىمپېرىيەسى ئۆزىنىڭ بۇ جايدىكى تەسىرىنىڭ تېخى ئاجىز ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى ياكى مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يول قويغان. ئەمما ئاسسىمىلاتسىيەنى نىشان قىلغان «خىتايلاشتۇرۇش» نىڭ تۇنجى قەدەملىرى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ۋۇجۇتقا چىقىشقا باشلىغان. خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھەمدە خىتاي بولمىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئىزچىل قەدىمكى زامانلاردىكى خىتاي پادىشاھلىرىنىڭ دۇنياقارىشىنى، شۇنىڭدەك ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى پەللىگە يەتكۈزۈشكە بەل باغلىغان. بۇنىڭدىكى مەركىزىي تېما «خىتاي» نى مەركەز قىلغان دۆلەتتە «خىتاي بولمىغان مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىجازەت يوق» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ نىشانغا يېتىشتىكى يېڭى قەدەملەر ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا خۇددى پروفېسسور شان روبېرتس كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» شەكلىدە داۋام قىلىپ كەلگەن. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى «بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» ۋە «بىڭتۇەن» نامىدىكى ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى زور گەۋدە ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى «ئاخىرقى يوسۇندا ئۈزېل-كېسىل ھەل قىلىش» قا يۈزلەنمەكتە ئىكەن. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى «بىز تىنچلىقنى سۆيىمىز. بىز ھېچكىمگە تاجاۋۇز قىلمايمىز» دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن.

مۇھاكىمە يىغىنىڭ نەق مەيداندىكى بىرىنچى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە پروفېسسور جون خەزىرشاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇخبىرلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ھەققىدە پىكىر قىلدى. بېريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋانېسسا فراڭۋىل لاگېرلار ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ بايقىلىشى، لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرى، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىكى ئىسپاتلارنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى باستۇرۇشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك «خوشال-خوراملىققا تولغان مەكتەپ» لەر ئەمەس، ئەكسىچە مۇنتىزىم شەكىل ئالغان تۈرمە ئىكەنلىكىنى، بۇ جايلاردا بارلىققا كېلىۋاتقان ۋەھشىيلىك، قىيناق، جىنسىي خورلۇق قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئاللىقاچان قىرغىنچىلىق شەكلىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خەلقئاراغا تونۇلغان شەخسلەردىن «بازفىد خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى مېگا راجاگوپالان ۋە «كۆزەتكۈچى» گېزىتىنىڭ سابىق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گاۋسىر قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارەتلىرى جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى توپلاشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇپ بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن لاگىرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە تاشقى دۇنيانىڭ بىلىدىغانلىرىنىڭ بەكمۇ ئازلىقىنى بايان قىلدى. بولۇپمۇ ئۇرسۇلا گاۋسىر خانىم 2015-يىلى باي ناھىيەسىدىكى قارشىلىق ھەركىتىنى «تېرورلۇق ھەركىتى ئەمەس» دەپ ماقالە يازغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيانقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەمدە نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ تەرەققىياتى بۇ ئىشلارنىڭ ئەمىلىيەتتە تەسادىپىلىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» نىڭ خادىمى نېيسىن رۇسېر ۋە ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوق قىلىش ساھەسىدىكى قىلمىشلىرىدىن مەلۇمات بەردى. ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىش ۋە يوقىتىلىش ئەھۋالىنى جانلىق ھالدا يىغىن ئەھلىگە سۈرەتلەپ بەردى. پروفېسسور جوئاننى سىمىس، پروفېسسور تىموسىي گروس، ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئابلىمىت باقى ۋە دىلمۇرات مەخمۇت قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مەدەنىيەت، تىل-يېزىق قاتارلىق ساھەلەردىكى تىپىك ئىنكاسلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى باسقۇچىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان مەزمۇنلىرىدىن تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. نېيسىن رۇسېر، جېيمىس لېيبولد، داررېن بەيلېر، ئادريان زېنز قاتارلىق ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ساھەدە ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى. يىغىننىڭ نۇرى تۈركەل رەئىسلىكىدىكى 4-باسقۇچىدا ئاساسلىق قىلىپ لاگىرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي خورلۇقلار، ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا بولغان ئۇيغۇر سەبىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەر ھەققىدە مۇھاكىمە بولدى. بۇنىڭدا مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سام تاينېن، نيۇكاسل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېمىلىي ئاپسۇن قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك رەھىمە مەھمۇت، دىلنۇر رەيھان قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.

يىغىننىڭ شۇ كۈندىكى ئاخىرقى باسقۇچىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىكى تەشۋىقاتلار ۋە ئىجرا قىلىش چارىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە مۇھاكىمە بولدى. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ماگنۇس فېسكېسيو، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىن تابىن، چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى پالاكىي ئ‍ۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رۇنى ستېنبېرگ قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرى ھەمدە بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق قائىدىلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى مۇھاكىمە باسقۇچلىرىدا ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسىم رېئاللىقى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ ئاغزىدىن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلىندى. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بولسا يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىدىكى مۇھاكىمىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بولۇپ، رادىيومىز بۇ ھەقتە داۋاملىق خەۋەر بېرىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت