ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پارلامېنتتا مەخسۇس دوكلات بەردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.01.13
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پارلامېنتتا مەخسۇس دوكلات بەردى ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائابنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا خىتاي ۋە خوڭكوڭ ھەققىدە بايانات بەرمەكتە. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، لوندون.
AFP

12-يانۋار كۈنى، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى تېمىسىدا بىر مەخسۇس دوكلات بەردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مۇتلەق نازازەت، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشتەك ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشتا باشلامچىلىق رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بىز ھەر پۇرسەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىۋاتىمىز. مەن بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىمنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ يىغا بىۋاسىتە دېدىم» دەپ تەكىتلىدى.

ئۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرى ھەققىدە توختالغاندا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تىلغا ئالدى:

ئالدى بىلەن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق يوسۇندا خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايونغا بېرىپ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايۋاتقان بىر شارائىتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا بولۇۋاتقانلارنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمىنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەتقىقاتلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككىنچىدىن، ئۇ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن مال سېتىۋېلىشنىڭ جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىغا ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: «ئەنگلىيە تەدبىر قوللىنىپ، لاگېرلارغا تۇتىشىدىغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن مال تەمىنلەشنى قەتئىي توختىتىش كېرەك، لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياساپ چىقىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىز مال سېتىۋالىدىغان دۇكانلاردا ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ: «بىرىنچىدىن، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇت ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ خەتەرلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغان ئىنتايىن تەپسىلىي بىر كۆرسەتمە ئېلان قىلغانلىقىنى؛ ئىككىنچىدىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‹زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قارارى› بويىچە ئىش كۆرمىگەن شىركەتلەرنى جازالاش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى؛ ئۈچىنچىدىن، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدىن مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى؛ تۆتىنچىدىن، ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يانداش بولۇپ قېلىشىغا يول ئاچىدىغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئېكسپورت قىلىشنى توختىىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

دومىنىك رائاب يۇقىرىدىكى تەدبىرلەرنى رايوندىكى زۇلۇمنى توختىتىش يولىدا مۇھىم قەدەم، دەپ كۆرسەتتى ۋە سۆزىنى «بىز خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالايمىز. بىراق بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىرىمىزنى ۋە بىخەتەرلىكىمىزنى قۇربان قىلالمايمىز. بىز بۇ ھەقتە سۆزلەشتىن توختاپ قالمايمىز، ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قىلىمىز» دەپ ئاياغلاشتۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىدىن كېيىن ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزىنىڭ بۇ تەدبىرلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ھەرقايسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئەندىشىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە كەسكىن بىر پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يۇقىرىدا ئېلان قىلغان تەدبىرلەرنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ ئېتىلغان بىر قەدەم بولغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيەنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى بويىچە جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى دېدى. يەنە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى شەرھىلىگەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق ئالامەتلىرىنى دېگەن بولسىمۇ، بىراق رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەسىلەن، پارلامېنت ئەزاسى ئەسفال خان سۆز قىلىپ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز بۇ يەردە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن سۆز قىلغاندا رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختالمىدى. يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسى تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقارغانلىق، دەپ تەشۋىق قىلدى. ھالبۇكى، ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىدا بۇ ھەرىكەت كەسكىن ھالدا چەكلەنگەن. ئۇنداقتا بىزنىڭ مىنىستىرلىقىمىز ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ زىيانكەشلىكنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قوللىنىۋاتىدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسىمۇ قوشۇمچە قىلىپ «بىز شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار نېمە بولسا شۇ بويىچە-يەنى ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشىمىز كېرەك»، دېدى.

بۇ مۇنازىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك سوئاللىرىغا دۇچ كەلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۈگۈن دومىنىك رائاب ئېلان قىلغان تەدبىرلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەھىمە خانىممۇ سۆزىدە «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئالغان قارارلارنى قارشى ئالىمىز بىراق بۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئەنگلىيە تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. مەسىلەن ئالدى بىلەن ئامېرىكا قىلغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا رول ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە مۇئەسسەسەلىرىگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنى ئەنگلىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئالدىنقى ھەپتىلەردە پارلامېنت ئەزالىرىغا بىر تەپسىلىي دوكلات يوللاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قىلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە كۈچلۈك سوئاللارنى سوراشقا چاقىرغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «بېرىتانىيەلىك يەھۇدىيلار ۋەكىللەر كېڭىشى» مۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جىددىي يىغىن چاقىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جىددىي يىغىننى ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىدا خىتاي بىلەن بولغان سودا قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار يىغىندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشقا چاقىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.