ئەنگلىيە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021-01-17
Share
ئەنگلىيە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى ئەنگلىيەنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى خانىم.
Social Media

ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى ۋە «خەلقئارا ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ تەشەببۇسچىسى بىل بروۋدېر بىرلەشمە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدى.

ئۇلار ئوبزورىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا «جازا لاگېرلىرى، قۇللار ئەمگىكى، دۆلەت قوللىشىدىكى ئاياللارنى خورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى» قاتارلىقلارنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى، دۇنيا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مەنزىرىلەرنى قايتا كۆرمەسلىكى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈن بۇنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوبزوردا مۇندا دېيىلدى: «ئامېرىكا ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› ۋە ‹يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› بىلەن كەسكىن ھەرىكەت قىلدى، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىغا يول ئاچتى. شۇنداقتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ ماگنېتىسكىي جازا تىزىملىكىدە خىتاينىڭ بىرمۇ ئەمەلدارى يوق. ئەگەر بىز ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى، نى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈچۈن قوللانمىساق، بۇ قانۇنى چىقىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟»

ئۇلار يەنە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن مال سېتىۋالىدىغان ئەنگلىيە شىركەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلار مۇندا دېدى: «بىز ھەر ئىككىمىز ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئەركىن سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىلىرىمىز. بىز ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› دىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى ئەڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتچىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۇلىنى ئەنگلىيەدە ساقلىيالمايدىغانلىقىغا، ئەنگلىيەنىڭ ھارام پۇللارنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

ئەنگلىيەنىڭ كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، بىل بروۋدېر بولسا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئەنگلىيەلىك مەبلەغ سالغۇچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ دۇنياغا مەشھۇر «خەلقئارا ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ بىرى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت