ئەنگىلىيە ئادۋوكاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئىسپاتلىرىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-02-08
Share
ئەنگىلىيە ئادۋوكاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئىسپاتلىرىنى ئېلان قىلدى «يەرشارى قانۇنىي ھەرىكىتى» ئادۋوكاتلار تورى دوكلاتىدا شى جىنپىڭ، چېن چۇەنگو ۋە جۇ خەيلۈنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئوينىغان رولى ئۈچۈن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
Yettesu

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 8-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگليەدىكى ئېسسېكىس سوت مەھكىمىسى (Essex Court Chambers) نىڭ ئادۋوكاتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانۇنىي پىكىرىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە ئادۋوكاتلىرى ئېلان قىلغان بۇ قانۇنىي پىكىر مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەسپىي ھۆكۈمى بولۇپ، ئۇ قانۇنىي ھۆكۈم رولىنى ئوينىمايدىكەن، لېكىن ئۇنى قانۇنىي ھەرىكەتنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدىكەن.

«يەر شارى قانۇنىي ھەرىكىتى» (GLAN) ئادۋوكاتلىق ئورنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت توپلىغان قانۇنىي دەلىل-ئسپاتلىرىغا ئاساسەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا قانۇنىي يەكۈنگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئەنگىلىيەدىكى بۇ قانۇنىي ھەرىكەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۆتكەن يىلى ئەنگىلىيەنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش ئىدارىسىغا سۇنغان ئەرزىدىن باشلانغان ئىدى. بۇ يىل بىر قانچە ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ ‹ئىرقى قىرغىنچلىق› نىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرنى توپلاش ئارقىلىق بۇ قانۇنىي پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. بۇ پارلامېنىتتا ئاۋازغا قويۇلىدىغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى› نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

«يەر شارى قانۇنىي ھەرىكىتى» ئادۋوكاتلىق ئورنى ئېلان قىلغان بۇ قانۇنىي پىكىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىگە تاشلاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قىيناش، باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن. بۇ پىكىردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولسا ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى بولۇپ، بارلىق ئىسپاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى يوقىتىش نىيىتى بارلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي جەھەتتىن ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئايرىپ، باشقا توپلۇققا مەجبۇرىي يۆتكەش قاتارلىقلار ئىرقى قىرغىنچلىقنىڭ تىپىك مىساللىرى بولىدىكەن.

«يەر شارى قانۇنىي ھەرىكىتى» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارى دېيىربلا مىنوگ خانىم بۇ «قانۇنىي پىكىر» ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ تەپسىلىي دوكلات ئەنگلىيەدىكى ئېسسېكىس سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى ئاساس قىلغان قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈ بېرىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدىكى نەچچە يۈز بەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن تەييارلانغان. نەتىجىدە ئىشەنچىلىك ھۆججەتلەرگە ئاساسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتىلدى.»

رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارنىڭ 9-فېۋرال ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان سودا قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» گە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنى قوللايدىغان پارتىيەلەر ئېنىق. لېكىن قانداق قارار قىلىشنى بىلەلمەي قالغان پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق ئورنى چىقارغان قارارنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

دېيىربلا مىنوگ خانىم رەھىمە خانىمنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ قانۇنىي دوكلات ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى قايىل قىلىش قېلىشى كېرەك. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى› نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر سىياسىي پارتىيە كۆزقارىشىنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرۇپ، نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇيغۇرلارغا يۈگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئەدلىيە قارارى چىقىرىلىشى كېرەك.»

9-فېۋرال كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى يۇقىرى سوتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلولىرىغا قاراپ چىقىش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيدىغان «سودا قانۇنى لايىھەسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» نى ئاۋازغا قويىدىكەن. ئەگەر بۇ لايىھە ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، يۇقىرى سوت بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىنى ئۆز ئالدىغا قاراپ چىقالايدىكەن.

بۇ تەشەببۇسنى ئەنگىلىيەدىكى نوپۇزلۇق ئادۋوكاتلار، خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى ۋە ئەنگلىيە-ۋەلىس ئادۋوكاتلار ھوقۇقى كومىتېتى قوللىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت