70 تىن ئارتۇق دىنىي رەھبەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى، دە ئاتىدى ۋە مەزكۇر زىيانكەشلىكتە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي» يەنى «گۋاردىيان» گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغۇچىلار ئارىسىدا ئەنگلىيەدىكى بەش چېركاۋنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئېپىسكوپلىرى، لوندون كوپتىك چېركاۋىنىڭ باش پوپى، دالاي لامانىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى، مۇسۇلمان ئىماملىرى ۋە يەھۇدىي دىنىي رەھبەرلىرى بار ئىكەن.
ئۇلار باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە جىددىي سوئال قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېنىق مەقسىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش. خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئۇلارنىڭ ‹نەسەبىنى ۋەيران قىلىش، يىلتىزىنى كېسىش، رىشتىسىنى ئۈزۈۋېتىش ۋە كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ۋەيران قىلىش› ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ‹رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق› دېيىلگەن. پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە قانۇنشۇناسلارنىڭ بۇنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار.»
دىنىي رەھبەرلەر باياناتىدا يەنە، 1940-يىللىرىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان «ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» دېگەن شوئارنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت ئادالەت ئۈچۈن چاقىرىق قىلىمىز، بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئىنسانىي قەدر-قىممەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىنىڭ بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئۇلارنىڭ بۇ بىرلەشمە باياناتى ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي ئۆلىمالىرى مۇدىرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى مارىيە ۋان دەر زيلنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسىگە قارىتىپ يوللىغان مەكتۇبىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
زيل خانىم مەكتۇبىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئەينى يىللىرىدىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاتقان ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ 1.8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرىغا قامىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭ بىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
