ئەنگلىيەلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جەيا پاتاك: «ھەممىمىزنىڭ ئادالەتنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى قوللاش مەسئۇلىيىتىمىز بار»

مۇخبىرىمىز شەھرىزات
2020.08.17
jeya-patak-uyghur-mesilisi.jpg ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھرىدە ياشايدىغان 22 ياشلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جەيا پاتاك.
Jeya Patak teminligen

ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھرىدە ياشايدىغان 22 ياشلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جەيا پاتاك، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا سولاشتەك رەزىل قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزلىرى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ۋە ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىغان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق بىلگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلانىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرنى ئاڭلاتقاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گەرچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىغا قاراپ تۇرىۋاتقانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھرىدە ياشايدىغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جەيا پاتاك ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

«شۇنداقتىمۇ يەنە» (Yet Again) ناملىق ياشلار تەشەببۇسى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن تەھرىرى، ئەنگىلىيەدىكى يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى مائارىپ ھاۋالە تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق ئەلچىسى (Holocaust Educational Trust) ۋە برايتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇۋاتقان جەيا پاتاك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سۈرىتى ۋە ھېكايىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھىسابىدا ئەگەشگۈچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ يېقىندا تىۋىتتېردا «ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ياردەم بېرىش» توغرىسىدا ئۇچۇر يوللاپ، 1000 دىن ئارتۇق ئىنكاس ۋە 1500 دىن ئارتۇق ياقتۇرۇش بەلگىسىگە ئېرىشكەن. جەيا پاتاك يەنە ياشلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرغان «شۇنداقتىمۇ يەنە» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۇنچى مەقالىسىنى ئۇيغۇلارغا ئاتاپ چىقارغان. بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇغان ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى چۇشەندۇرگەن.

پاتاك ئەنگىلىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى ئۆزىمۇ شۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ كەچمىشلىرى ئۇنىڭغا مائارىپنىڭ مۇھىملىقى ۋە كىشىلەرگە ئىشەنچ قىلالايدىغان سىياسىي مۇھىت يارىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرغان.

ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان خەۋەرلەرنى تۆت يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان بىر نەچچە ماقالىلاردىن بىلگەن. ئۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە BBC قانىلى تەرىپىدىن تارقىتىلغان، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار يوشۇرۇن سۈرەتكە ئېلىنغان بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ بەدىنىگە تىتىرەك ئولىشىپ كەتكەن. ئۇ ئەنە شۇ چاغدىلا ئاندىن بۇ ئىشلارنىڭ راستىنلا يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە ئەھۋالنىڭ بەكلا يامانلىقىنى ھېس قىلغان.

ئۇ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ھەركەتكە ئۆتمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇندىن تارتىپ نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىم، ئىشنى نەدىن باشلاش، قانداق قىلىش ھەققىدە ئويلاندىم-دە، ئالدى بىلەن بۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرگە ئاڭلىتىشنىڭ موھىملىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ئۇ چاغلاردا مەن ئاران 17 ياشتا، تېخى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم بولغاچ، قىلالايدىغان ئىشىممۇ چەكلىك ئىدى، مەن ئىمكانىيىتىمنىڭ يېتىشىچە ئەتراپىمدىكىلەرگە بۇ ئىشلارنى بىلدۈرۈشكە تىرىشتىم.»

ياشلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «شۇنداقتىمۇ يەنە» ناملىق تەشكىلات 1-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان تۇنچى ماقالىسىنى ئۇيغۇلارغا ئاتاپ چىقارغان. بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر چۇشەندۇرۈلگەن. بىز جەيا پاتاكدىن بۇ تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەبنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇندق دېدى:

تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلغان تۇنجى كۈنىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەر تارقىتىشنى مۇھىم دەپ بىلدۇق چۇنكى ئۇيغۇرلار تا ھازىرغا قەدەر زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ، بىز بۇ زۇلۇمنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز لازىم. بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ‹شۇنداقتىمۇ يەنە› تەشكىلاتى قۇرۇلغان تۇنجى كۇندە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇۇلغان ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى.

ئۇ يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشنى خالايدىكەن. كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەنلەر بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر ئاڭلىمىغان ۋە ياكى ئازراق ئاڭلىغان بولسىمۇ بەك دىققەت قىلمىغان ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ پەقەتلا تۆت يىل ئىلگىرىلا باشلانمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئىشغال قىلغان كۈندىن بۇيان بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن. جەيانىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيڭن، يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا كىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەر تېپىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ بەك قىزىقىپ ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپ ماتېرىياللار، كىتاب-ژورناللار، ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم بەرسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سوراشقا باشلىغان.

پاتاك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلاغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەنگىلىيەدىكى يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىق مائارىپ ھاۋالە فوندىنىڭ رايونلۇق باش ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلانىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىققا سېلىشتۇرالمايمەن، ئەمما سىز ئۆتمۈشتىكىدەك سادالارنىڭ بارلىقىنى جەزمەن كۆرەلەيسىز. مانا بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى چۆچۈتتى، چۇنكى بىز بۇ ‹ئەمدى ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دەپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھەممىمىزنىڭ ئادالەتنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى قوللاش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەنگىلىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن زۇلۇملار ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ (CCP) ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇملار ھەققىدە سۆزلەشتىن قورقۇۋاتىدۇ. بىز مۇشۇنىڭدەك ئۆزى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ۋە ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتقانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىشمىز لازىم. مېنىڭچە، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش ئىقتىدارىمىز بار تۇرۇپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك.»

بىز جەيادىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قانداق كونكرېت تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كونكرېت ياردەم بېرىش توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىكى نۇقتىلارنى مىسال كەلتۈرپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەھىمە مەھمۇتنىڭ بۇ توغرىسىدىكى سۆز پىكىرلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىم بار بولغان ئىدى. ئۇ بىر نەچچە نۇتۇقىدا بۇ نۇقتىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشىغا ياردەم بېرىشىمىز، ئۇلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھېساباتىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇرلىرىنى كەڭ ھەمبەھىرلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاندىن، نامايىش قىلىش ۋە تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئوخشاش كۆپ خىل جىسمانىي ئىشلاردىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرالايمىز. مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويالايمىز ۋە ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشىگە ياردەم بېرەلەيمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى، گۇرۇپپىلىرىنى قوللىيالايمىز. بىز يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بىز ئۇلار دۇچار بولىۋاتقان زىيانكەشلىكتىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.»

سۆھبەت جەريانىدا بىز جەيادىن ئۇنىڭ تەشكىلاتىڭ ۋە ياكى ئۇنىڭ ئۆزىدەك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رەھىمسىز قىلمىشىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش لازىملىقىنى سورىغىنىمىزدا، جايا پاتاك پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشنىڭ موھىملىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ھەر قانداق كىشىنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ كونكرېت توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياكى ياش ئوقۇغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەستانىلىرىمىز. بۇ بىزنىڭ بەك چوڭ ئەۋزەللىكىمىزدۇر، بۇ ئارقىلىق بىز بەلكىم غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلەلىشىمىز مۇمكىن. بىز ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ھازىرلاپ بېرىشىمىز ۋە توغرا ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك. باشقىلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەشۋىقاتلارنى قىلىشىمىز لازىم. ھەمىشە سىياسىيونلار بىلەن لوبىچىلىق قىلىپلا قالماستىن يەنە ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىمىز، بۇ ئاقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئېقىم ھاسل قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى سىياسىيونلار ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىدىكى رەھبەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىمىز، ئارىمىزدا ھېچقانداق ياش ياكى ئىرق چەكلىمىسى بولماسلىقى كېرەك، ھەر قانداق كىشى بۇ ھەركەتكە ئاۋاز قوشسا، قاتناشسا بولىۋېرىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.