ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-11-18
Share
Alistair-Carmichael.jpg ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل باياناتچىسى ئالىستائىر كارمايكىل (Alistair Carmichael) ئەپەندى يىغىندا سۆزدە. 2020-يىلى 20-ماي.
AFP

16-نويابىر كۈنى، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پارلامېنتتىكى ھەممە پارتىيە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» ۋە شۇنداقلا «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ ئەزالىرىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن بىر تور يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى مىنىستىرلىق يىغىنى رامكىسى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن «خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىك-بىز ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئەپ بېرىلدى.

مەزكۇر يىغىنغا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالىستېر كارمايكىل، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ لىۋېرپول پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئالتون، ئەنگلىيەلىك ئادوۋكات ۋە سابىق تەپتىش ئەمەلدارى جېففىري نايىس ئەپەندى، ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئۇيغۇر ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل، ئامېرىكا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزىيى خەلقئارا ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئېرىن فاررېل روسېنبېرگ قاتارلىقلار سۆزلىگۇچى بولۇپ قاتناشتى.

يىغىن باشقۇرغۇچىسى كىرىش سۆزىدە يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكلەر، جۈملىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، قىيىن-قىستاق ۋە مەھبۇسلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەر، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىش، ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي يىغىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ھەققىدە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار ئاشكارىلانغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىدىكى، جۈملىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى كۈچلۈك ئورنىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ جىنايى قىلمىشلارنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشى ناتايىن. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ باشقا يول يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تۆۋەندىكى نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر بۇ ئەھۋالدا قانداق تاللاشلارنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،» دېدى.

ئاندىن ئۇ سۆزنى ئالدى بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالىستېر كارمايكىلغا بەردى. ئالىستېر كارمايكىل يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پارلامېنتتىكى ھەممە پارتىيە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلىدى: «بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن قېيىن سوئالغا دۇچ كەلدۇق. مەن 2019-يىلى 1-ئايدا پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر مۇنازىرىنى باشلىغان ۋاقتىمدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېخى يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكى ۋە خىتايدىكى خەلقلەرگە نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى كۈچلۈك دىققەتكە ئېرىشتى ۋە ئارىدىن 18 ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنىدىغان ۋە كۈچلۈك دىققەت قوزغايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.»

ئۇ سۆزى داۋامىدا ئەنگلىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھازىرقىدەك تونۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھازىرغىچە قانداق خىزمەتلەر قىلىنغان بولسا بۇندىن كېيىن مانا بۇ خىزمەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك ۋە يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئەمدى نېمە قىلىمىز دېگەنگە كەلسەك، بىز ھازىرغىچە قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىمىزنى يەنىمۇ كۈچلۈك، يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ھەربىر پۇرسەتتە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەك. مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىچكى ئەزا يۆتكەش مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى چوقۇم مۇستەقىل سوت كوللېگىيەلىرى ئارقىلىق دەلىللەپ، ئۇنى ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارغا يوللىشىمىز كېرەك،» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى توختۇتۇشتا بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «پەقەت بىر دۆلەت خىتايغا ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدۇ، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان، پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق دۆلەتلەر چوقۇم بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى، خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.»

ئۇ يەنە ئەنگلىيەنىڭ يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ تۇرۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. پارلامېنت ئەزاسى ئالىستېر كارمايكىل ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن سىياسەتكە قەدەم تاشلىغان 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى ئىدى، بېرلىن تېمى ۋە جەنۇبىي ئافرىقادا ‹ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى› مەۋجۇت ئىدى، ئۇ چاغلاردا ھېچكىم بۇ سىستېمىلارنىڭ يوقايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. ئەمما كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ۋەيران بولدى. دېمەك، بىز كەلگۈسى ئۆزگىرىشكە تەييارلىق قىلساق ۋە توختىماي ھەرىكەت قىلساق ئۆزگىرىش چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ.»

ئارقىدىن ئەنگلىيە لىۋىرپۇل پارلامنېت ئەزاسى، لورد داۋىد ئالتون ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پارلامېنتتىكى ھەممە پارتىيە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچى رەئىسلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كەلگەن بىرى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىۋاتقان دەلىللەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زور كۆلەمدىكى بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ئۈستىدە مەخسۇس توختالدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا توغرا بىر باھا بېرىپ، ئۇنى قانۇنىي يوللار ئارقىلىق قوبۇل قىلغاندا ئاندىن ھەرقايسى خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە دۆلەتلەرنى شۇنىڭغا لايىق تەدبىر قوللىنىشقا قوزغاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ تارىخىي مىساللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەپ چىقىش پەقەتلا ياخشى بىر ۋاسىتە بولۇپلا قالماي، ئۇ بەلكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز قانۇنلىرى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى جازالىشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. . . ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەپ چىقىش مېخانىزمى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەلۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەپ چىقىش دېگەنلىك تەدبىر قوللىنىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىراق زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتمەي تۇرۇپ ئۇنى توختىدىغان تەدبىرمۇ بولمايدۇ،» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن سۆزگە داڭلىق ئادوۋكات، ئەنگلىيەنىڭ سابىق تەپتىش خادىمى جېففىرىي نايىس ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن يۇقىرىقى لورد ئالتون تەكىتلىگەندەك، زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەپ چىقىش ۋە ئۇ نېمە بولسا شۇ بويىچە نام بېرىش ھەققىدىكى پىكىرگە پۈتۈنلەي قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە نۆۋەتتە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ بۇ كوللېگىيەنىڭ رەسمىي بىر كۈچى بولمىسىمۇ ئەمما ھەرقايسى ئورگان ۋە ھۆكۈمەتلەرنى مۇستەقىل ۋە قانۇنىي بىر نەتىجە بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ كېلەر يىل ئاخىرىغىچە نەتىجە چىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. نۇرىي تۈركەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاش يولىدا ئالغان تەدبىرلىرىدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ، ئەنگلىيە ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مەسىلەن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرى ھەمكارلىشىش ئارقىلىق خىتايغا بېرىلىدىغان جازانىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «ماگنېتىسكىي قانۇنى» بارلىقىنى ۋە بۇنى ئورتاق ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ھەرقايسى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «گەرچە خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە بۇنداق كۈچلۈك تەسىرى يوق، شۇڭا خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشتا غەرب دۆلەتلىرى بىرلىكتە ئومۇمىي كېڭەشتىن پايدىلىنىشى كېرەك» دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكانىڭ 2018-يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭمۇ خاتالىق بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ھازىر رەسمىي ۋە شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكانى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا ئەزا بولۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «‹خىتاي مەسىلىسىدە پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى› دېگەنگە ئوخشاش يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ھەمكارلىقلارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ قاتنىشىشى ياخشى بىر يۈزلىنىش. بۇنداق ھەمكارلىقلار كۈچەيتىلىشى كېرەك. . . ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈش كېرەك، ھەرقايسى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىغا بۇ ھەقتە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلۇشى كېرەك،» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزى ئاخىرىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ۋە ئۇلارغا دەرھال پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتى بېرىش ھەققىدە ئېنىق بىر سىياسىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئارقىدىن ئامېرىكا يەھۇىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزىيى خەلقئارا ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئېرىن فاررېل روسېنبېرگ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بىر مىللەت ياكى گۇرۇپپىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەرنىڭ شۇ كىشىلەردە قالدۇرىدىغان پاجىئەلىك تەسىرلىرىنىڭ بىر قانچە ئەۋلادقىچە يوقىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ دەرھال ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ياكى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئاساسىدا بېكىتىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چۈشىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

يىغىندا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لىن بروۋن خانىم سۆز ئېلىپ، بىر مىللەتنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە سىستېمىلىق قىلىنىۋاتقان بۇ زۇلۇم ھەققىدىكى دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە: «بۇ زۇلۇملارنى توختىتىش ئۈچۈن بىز ھازىرنىڭ نەق ئۆزىدە زادى نېمە ئىش قىلالايمىز؟» دەپ سوئال قويدى.

بۇنىڭغا شوتلاندىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى جاۋاب بېرىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشلارنى باستۇرغان ئەمەلدارلارغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتنى ئوخشاش جازا تەدبىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي رەھبەرلەر ئۈچۈنمۇ قويدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن لورد ئالتون بۇ سوئالغا جاۋابەن ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتە پارلامېنتتتا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ھۆكۈمەتنى تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشقا چاقىرالايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەشنى توختىتىشنى ۋە شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجىنى ئازايتىش يولىدا قەدەم ئاتالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۇرىي تۈركەل بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇتلارنى چوقۇم چەكلەش كېرەك، دېدى. ئۇ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقانلىقى شۇنداق ئېنىق تۇرۇقلۇق، ھازىرغىچە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى بۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن مال سېتىۋېلىشى، ياكى بىرلىكتە سودا قىلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش يولىدا ئۈنۈملۈك قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

«خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىك-بىز ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» تېمىسىدىكى بۇ يىغىن بىر يېرىم سائەت داۋام قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.