ئۇيغۇر مۇقاملىرى لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن

0:00 / 0:00

لوندوندىكى يىپەك يولى مۇزىكا ئانسامبىلى 17-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇتۇق قازانغانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مۇقامىدىن ئارىيەلەر ئورۇندىغان ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتكەن. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ تەبرىكلىگەندىن كېيىن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە رەسىمى چۈشكەن.

8-ئاپرېل كۈنى ئاخشام لوندوندىكى ماررىئوتت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان. بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك پائالىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئەنگلىيە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان بۇنداق چوڭ بىر پائالىيەتكە ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە لوندون شەھەر باشلىقىنىڭ كېلىپ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئاڭلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇتۇق قازانغان مۇسۇلمانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەت دەرىجىلىك پائالىيەتكە تونۇلغان سەنئەتچى ۋە سەنئەت ئانسامبىللىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ پائالىيەتكە تاللىنىش جەريانى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر پائالىيەتكە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ۋە مىنىستىرلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى، بۇ يىل لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بەزى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ئارىيەلەر سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم سەھنىدە ناخشا ئورۇنداش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، كونسېرت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خاننىڭ سەھنىگە چىقىپ يىپەك يولى مۇزىكا ئانسامبىلى سەنئەتچىلىرىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى پروفېسسورى راچېل خاررىس خانىم ئۇتۇق قازانغانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ پائالىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇتۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلار خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتكە يىپەك يولى مۇزىكا ئانسامبىلىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇھىم بىر پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلىشى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم بىر مەسىلە دەپ قارىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئويلايمەن».

يىپەك يولى مۇزىكا ئانسامبىلىنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى پروفېسسورى راچېل خاررىس خانىم قۇرغان ئىدى.