ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيت كۈنى ئۈچ مەشھۇر ئۇيغۇر ئەربابىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى

0:00 / 0:00

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزى ھېيتتا مەرھۇم ئۇيغۇر لىدېرلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، ئۇلارنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇمىدى.

روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 10-ئاپرېل ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىدىن كېيىن، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ۋە تونۇلغان تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئانات قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخى ئەربابلىرىنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ، دۇئالار قىلدى.

بۇ يىل روزى ھېيتتا تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقۇۋاتقان، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىنىڭ ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسى بېشىدا دۇئا قىلىۋاتقان پەيتلەردە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا ئېغىر كەيپىيات ئىلكىدە بۇ يىللىق روزى ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

تونۇلغان تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ قەبرىسى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل، ئەنقەرە
تونۇلغان تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ قەبرىسى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، گەرچە ئەنقەرەدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسى بولمىسىمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا زور تۆھپە قوشقان ئەربابلىرىنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا تىلاۋەت قىلدى ۋە بالا-چاقىلىرىغا ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تارىخىي شەخسلىرىنى ياد ئېتىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرەدىكى تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئوپچى ھالدا بۈگۈن ھېيت نامىزىدىن كېيىنلا ئۇيغۇر دەۋاسىغا زور تۆھپە قوشقان ئۈچ شەخسنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشنى قارار قىلىشىدىكى سەۋەب ۋە ئەنقەرەگە دەپنە قىلىنغان بۇ ئۇچ ئەرباب ھەققىدىكى تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوختۇر ئابدۇلكېرىم بۇغرا ئەپەندى روزى ھېيتتا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيتلىشىش ئارقىلىق ئازراقمۇ بولسا ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەرھۇم ئىنقىلابچى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرا 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ، كەشمىردە بىر قانچە يىل تۇرغان. 1952-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن. 1954-يىلى بۇغرا ئائىلىسى ئەنقەرەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.

مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا 1965-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئەنقەرەدىكى جەبەجى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ قەبرىسى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل، ئەنقەرە
گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ قەبرىسى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىن 1925-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. 9 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىدىن ئايرىلغان. ئۇ تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1950-يىللاردا تۈركىيە قوشۇنى تەركىبىدە كورېيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مەرھۇم، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركىيەنىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1985-يىلى تۈركىيە ئارمىيەسىدىن گېنېرال ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيەگە چىققان. ئۇ، 1990-يىللاردىن كېيىن شەرقى تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى، شەرقى تۈركىستان ۋەخپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە پەخرىي رەئىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. مەرھۇم بۇندىن 15 يىل بۇرۇن ئەنقەرەدە كۆز يۇمغانىدى.

تونۇلغان تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئانات 1995-يىلى ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىدە ئىشلىدى. ئۇ، 2001-يىلى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغانىدى.