ئەنقەرەدە ئېچىلغان «نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 7-ئىيۇن، ئەنقەرە.
«نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 7-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياش مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلارنى چاقىرىپ: «نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئەنقەرەدىكى ئىنستىتۇتنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 20 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس ۋە ياش ئىشتىراك قىلدى. بۇلار تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياكى دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ياشلار ئارىسىدىن تاللانغان ئىدى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ يۈكسىلىشى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدىكى مۇزاكىرىگە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇنداق بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشىنىڭ ئىككى مۇھىم سەۋەبى بارلىقىنى، بۇنىڭ بىرىنچىسىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تېزلا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ پۇل مۇئامىلىسى، سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىگىمۇ يېيىلىۋاتقانلىقتىن بۇنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىننى چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىشتىكى ئىككىنچى سەۋەب بولسا، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بېرى كۆپ ساندا دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇنداق بىر يىغىن چاقىرىشنىڭ زۆرۈر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا 3 تېما توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، يېقىندا بۇلارنى خۇلاسىلەپ بىر دوكلات تەييارلاپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

7-8-ئىيۇن كۈنلىرى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىستانبۇلدىن كېلىپ قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەھبەرلىك ھەيئەت ئەزاسى، «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللاھ كۆسەنى ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە سىياسەتشۇناسلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان كىشىلەر بولغاچقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» تېمىسىدا كۇرس ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر كۇرسقىمۇ قاتناشقان ئىستانبۇل ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئىسمائىل قۇربان ئەپەندى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى چاقىرغان ئىككى قېتىملىق يىغىندا «دەۋا دېگەن نېمە؟ قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ مىللىي ئاڭنى يېتىشتۈرۈش يوللىرى؟» دېگەندەك نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى مەخمۇتجان ئەپەندى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ باشقا يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنىڭ ئىلمىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە مەزمۇنىنىڭ سىستېمىلىق بولۇشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 4-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە بىر قېتىم كۇرس، بىر قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى، بىر قېتىم خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت