پۇل ۋە ھوقۇق ئەرەبلەر ئۈچۈن قېرىنداشلىقتىنمۇ مۇھىممۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.12.07
پۇل ۋە ھوقۇق ئەرەبلەر ئۈچۈن قېرىنداشلىقتىنمۇ مۇھىممۇ؟ بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
Photo: RFA

«يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان ئاسىيلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى.

شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» 6-دېكابىر «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئەرەبلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىنمۇ مۇھىم» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە «بېيجىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ دىنىي قېرىندىشى بولغان ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلارى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايۋاتىدۇ. ئەرەب ھاكىمىيەتلىرى سۈكۈت قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە تېخى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە. پۇل ۋە ھوقۇق ئۇلار ئۈچۈن قېرىنداشلىقتىنمۇ مۇھىم» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان.

ماقالىدا ۋەلى ۋە نۇرمەمەت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەكچى بولغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيەگە قېچىپ چىقىشتىن ئىلگىرى 2 قېتىم خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان 52 ياشلىق دىنىي زات ۋەلى بۇ يىل 2-ئايدا ھەج ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىش» چاقىرىقىدا بولغانلىقى قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىگە ئايلانغان.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنقى بىرقانچە يىلدا شىنجاڭدا يۈزلىگەن ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىنى قۇردى. بۇ لاگېرلار قانچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئارقىلىق يۇيۇپ تۈگىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. قوراللىق ئىسلامچىلار ياكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ھىمايىچىلىرى تۈرمىلەردە غايىب بولۇۋاتىدۇ. بىپەرۋالىق بىلەن قىلىنغان بىر ئېغىز سۆز ياكى كىچىككىنە ھەرىكەت ‹ئىدىيەسى ساغلام ئەمەس› دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.»

ماقالىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ياكى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۆتكەن يىلى 22 غەرب دۆلىتى ب د ت غا سۇنغان بىرلەشمە خېتىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەندە، 50 كە يېقىن دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ھىمايە قىلغانلىقى ۋە ماختىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، ئىران، ئىراق ۋە پەلەستىنلارنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، گەرچە بۇ تىزىملىكتە تۈركىيەنىڭ ئىسمى بولمىسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشكە باشلىغان. 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۈركىيەدە يېقىندىن بۇيان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر چەكلىمىگە ئۇچراشقا ۋە خىتايغا قارشى شەخسلەر قولغا ئېلىنىشقا باشلىغان. ئەنگلىيە ئاخبارات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ياكى تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋەقەلەرمۇ بولغان.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئەرەبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتۇشىغا ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەقىقىي ئىسلامدىن ئۇزاقلىشىشى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇپ، تاشقى جەھەتتە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دوستىدەك كۆرسىتىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسىتىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دىققەتنى تېخىمۇ تارتىدىغىنى، 56 ئىسلام دۆلىتى ئەزا بولغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» 2019-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. بەلكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىسلام دىنىنى كەمسىتىش ھادىسىلىرىگە كۆپلەپ سەھىپە ئاجراتقان. خىتاينى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويغان. 2019-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى قوغداش ھەققىدە بىر قارار قوبۇل قىلغان. قاراردا «‹ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى› خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەرگە غەمخورلۇق قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ،» دېيىلگەن.

2019-يىلى 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا «بىز خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى قوللايمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز،» دېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ھىمايە قىلغان.

گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

ماقالىدە تەسۋىرلىنىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىشىغا ئاساسلىقى ئىقتىسادىي مەسىلە ھەم تېخنىكا ئېھتىياجى سەۋەب بولماقتا ئىكەن. خىتاي بىر جەھەتتىن ئەرەب نېفىتىنىڭ ئاساسلىق چوڭ خېرىدارى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئەرەبلەرنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ سالغۇچى ياكى شېرىك بولغۇچى ھېسابلىنىدىكەن. خىتايلار ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىگە ئوخشاش ‹دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش› دەيدىغانلارنى تىلغا ئالمايدىكەن. بەلكى بۇنىڭغا پەرۋايى پەلەككەن. كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بارغانسېرى خىتايغا بېقىندى ھالەتكە چۈشۈپ قالماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ خۇاۋېي G5 تور ئېقىمىنى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى داۋام قىلىۋېتىپتۇ. ئەرەبلەرنىڭ كەلگۈسىدە يادرو ئېنىرگىيەسى، قۇياش ئېنىرگىيەسى ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش، سۈنئىي ھەمراھقا ئىگە بولۇش جەھەتلەردىكى تېخنىكىغا بولغان ئېھتىياجىنى خىتاي قاندۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مۇسۇلمان قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىكەن. ئەرەبلەر ئۈچۈن پۇل ۋە ھوقۇق قېرىنداشلىقتىنمۇ مۇھىم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.