ناخشىچىسى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغا فلامىنگو ئۇسلۇبىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىجاد قىلغان خاس ئۇسلۇبتىكى ئاممىباب ناخشىلىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90-يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن تونۇشلۇق. ئۇ ياشلار ئارىسىدا «مۇھەببەت لىرىكىسى شاھزادىسى»، «گىتار شاھى» دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماشقا باشلىغان مەزگىللەردە، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بېيجىڭدىن ئامېرىكاغا كۆچۈپ كېلىپ، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس-ئانجىلېس شەھىرىدە تۇرغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشماي سۈكۈتتە ياشاپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن يېقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ خىتايغا ئەركىن بېرىپ-كېلىۋاتقانلىقىمۇ كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلغان ئىدى.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان يېقىنقى 6-7 يىل مابەينىدە خىتايدىن ئايرىلىپ چەت ئەللەرگە چىقالىغان ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئاز، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى داڭدار شەخسلەر تېخىمۇ ئاز. ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا ئۆزىنىڭ زاماندىشى ۋە كەسىپدىشى ئابلاجان ئايۇپتەك كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكارلار تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى يوقىتىلىۋاتقان ئاشۇ قاباھەتلىك مەزگىللەردە ئامېرىكاغا ساق-سالامەت كېلەلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئەركىن ئابدۇللا بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن تا ھازىرغا قەدەر مىللەتداشلىرى ئۈچۈن ۋە ياكى بىگۇناھ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان سەپداشلىرى ئۈچۈن بىر قېتىممۇ ئاۋازىنى چىقىرىپ باقمىدى.
ئامېرىكادا شۇنچە يىللار تۈگۈلۈپ تۇرغان ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرى تۇيۇقسىزلا بېيجىڭغا قايتىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇ يىل28-مارت ئۇ ئۆزىنىڭ «دوۋيىن» ھېسابىدا بېيجىڭدىن مەخسۇس ئېلان بېرىپ، ئۆزىنىڭ 20-ئاپرېلدىن باشلاپ خىتاينى ئايلىنىپ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» نامىدا ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلىۋاتقان ئەركىن ئابدۇللا ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئېلانلىرىغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشا كېچىلىكىنى خىتاي تەشۋىقاتچىسى قۇربانجان رىياسەتچىلىكىدىكى «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق تەشۋىقات پىروگراممىسى بىلەن بىرلەشتۈرىدىكەن ۋە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرىدىكەن. بۇ كېچىلىكى ھەققىدە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق، فوتوگراف قۇربانجان رىياسەتچىلىكىدىكى تەشۋىقات پىروگراممىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان. بۇ ئۇنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق خىتاي تەشۋىقات پىروگراممىسىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئەمەس. ئۇ 2022-يىلى مايدا مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ۋە ناخشا ئورۇنداپ، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق تەشۋىقاتچىلار سېپىگە قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.
ئامېرىكادا ياشاۋېتىپمۇ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق خىتاي تەشۋىقاتچىلار سېپىگە قوشۇلغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «تارىخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇۋاتقانلىقى» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە «پىلانلىق ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان ۋە بۇنى «شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىش» ۋە «شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش» خىزمىتى دەپ ئاتىغان. خىتاي دائىرىلىرى دەل شۇ مەزگىلدە ئەركىن ئابدۇللانى 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن.
بۇ نۆۋەت ئەركىن ئابدۇللانىڭ يەنە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق ناملىق تەشۋىقات كېچىلىكىنى باشلايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرىتى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ قېتىملىق بېيجىڭ سەپىرىدىكى مەقسىتى، كېچىلىكىنىڭ قايسى ئورگاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن بىر قانچە كۈندىن بۇيان قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىدى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇلغان، ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلاردىن ئاۋسترالىيەدىكى مۇقامچى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەسىپدىشى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.
شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى، ئەركىن ئابدۇللادەك بىر داڭلىق ناخشىچىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقان مۇشۇنداق نازۇك پەيتتە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇشتەك خاتا بىر يولنى تاللىغانلىقىنى «ئۇيغۇر سەنئىتىگە داغ كەلتۈرگەنلىك» ، ھەتتا «ئۆزىنى ‹مەن خائىن› دەپ جاكارلىغانغا باراۋەر» دېدى.
ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا 2004-يىلى چىقارغان تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىدىن باشلاپ، خىتايدا «گىتار شاھى» دەپ تونۇلۇشقا باشلىغاندىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «قەشقەرنىڭ ئوبراز ئەلچىسى» قىلىپ، ئۇنىڭغا تەشۋىقات سەھنىلىرىنى ھازىرلاپ بەرگەن. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى پارىژدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئەركىن ئابدۇللا ناخشا كېچىلىكى» نى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا قويۇلماقچى بولغان كونسېرتىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن توسۇپ قويغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ چەت ئەللەردە ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ كونسېرتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەركەن قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلغان، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىي كۆزىتىۋاتقان، شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر ۋاقىتلار ئىدى. دەل بۇ پەيتتە قەشقەر دىيارىدا تۇغۇلغان ئەركىن ئابدۇللانىڭ «قەشقەرنىڭ ئوبراز ئەلچىسى» سۈپىتىدە چەت ئەللەردە ئويۇن قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردە گۇمان قوزغىغان ئىدى.
رادىيومىزدا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلغان يەنە بىر سەنئەتكار، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى ئەكرەم ئىمىن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ مىللىتى لاگېرلارغا قامالغان، بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، مەدەنىيىتى يوق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردە، ئەركىن ئابدۇللادەك بىر ناخشىچىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلغانلىقىنى «ئۆز مىللىتىدىن تانغانلىق» ، «خىتاي بولۇپ ياشاشنى قوبۇل قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.
بۇ ھەقتە گوللاندىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈنسايىن كۈچەيتكەن، زۇلۇم ئاستىدا قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى پەقەت ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەركىن ئابدۇللاغا ئوخشاش نامدار كىشىلەرنىڭ خىتايغا يانتاياق بولۇشىنى، ئۇيغۇر خەلقى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ ھەم مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ، دېدى.
مۇقامچى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى، ئەركىن ئابدۇللاغا سېلىشتۇرما قىلغان ھالدا، چەت ئەللەردە يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز تالانتى ۋە ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئۇلارنىڭ بۇ پىداكارلىقىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كەسىپدىشى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر كۈنلەر كەلگەن مۇشۇ پەيتتە، كىمنى سۆيۈپ كىمدىن نەپرەتلىنىشنى ياخشى ئايرىۋېلىشىنى؛ خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان ئەركىن ئابدۇللانىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىماسلىقنى ياكى بايقۇت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.