لوندون ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىگە قارشى سادالار بىلەن تولدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى سانالغان ئەركىن تۇنىياز لوندۇندا ھەرساھەنىڭ قارشىلىقلىرىغا ئۇچرىدى.

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى، ئەگەر كېلىدىغان بولسا، قاچان كېلىدىغانلىقى ۋە كىملەر بىلەن نېمىلەر توغرۇلۇق سۆزلىشىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. لوندوندىن ئىگىلىگەن ئېنىقسىز ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، ئىككى كۈندىن بۇيان ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى» سانالغان ئەركىن تۇنىيازغا قارشى چۇقانلار قاپلىدى.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى 2021-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇرۇقلۇق ئارىدىن 2 يىل ئۆتمەيلا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا مەسئۇلىيىتى بار» دەپ قارىلىۋاتقان ئەركىن تۇنىيازنىڭ لوندون زىيارىتىگە يول قويۇشى، يالغۇز ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغاپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن خەۋىرى بولغان ئەنگىلىيە پۇقرالىرى ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك نەپرەت پەيدا قىلغان ئىدى.

لوندۇندا نەشىردىن چىقىدىغان «قۇياش» گېزىتى 13-فېۋرال سەھەر ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھاۋاشارى جاسۇسلۇقىغا بېغىشلانغان بىر ئوبزورىدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرىنىڭ ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى» بولغان ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، قاتتىق ئەيىپلىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن تۇنىيازغا بولغان «نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلغان».

ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىشىگە قارشى لوندوندىكى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا باشلانغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 13-فېۋرال.

ئەنگىلىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «زامان» گېزىتى 13-فېۋرال ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ ۋەھشىي چاپارمىنى لوندوندا ئەركىن يۈرمەسلىكى كېرەك» ناملىق ئوبزوردىمۇ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ جىنايەتكار ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىزىل سىزىقى بولۇشى لازىملىقىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ غەزەپلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەركىن تۇنىيازغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلەر يالغۇز تاراتقۇلارنى قاپلاپلا قالماي، بۈگۈن 13-فېۋرال سائەت 11:00 دا لوندوندىكى ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى بىناسى ئالدىدا باشلانغان نامايىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەنگىلىيەدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراكىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرى قاتناشقان بۇ نامايىشنى د ئۇ ق تەشكىللىگەن.

د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە ماھمۇت خانىم نامايىش مەيدانىدا نۇتۇقلار سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن تۇنىيازنى ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەنگىلىيەدىكى ئۈنىنى چىقىرىشقىمۇ پېتىنالماي قورقۇپ ياشاۋاتقان جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىنىڭ ھەمدە جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ يۈرەكلىرىنى زىدە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاپ قىيناپ، مىليونلىغان نارىسىدىلەرنى يېتىملىك ئازاۋىغا سېلىۋاتقان ئەركىن تۇنىيازدىن ئىبارەت بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ لوندوندا قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قىلىنغان بىر خىيانەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىشىگە قارشى لوندوندىكى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا باشلانغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 13-فېۋرال.

بۈگۈن لوندۇندىكى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەھمۇت خانىم، بۇ نامايىشقا ئەنگىلىيەنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتىگە قارىتا غەزەپلىرىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى جەيمىس كلەۋەلىي بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» گېزىتى 13-فېۋرال ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ياۋۇز ئالۋاستىلىرىنىڭ ئايىقىغا قىزىل گىلەم سالدى» ناملىق ماقالىدە تېخىمۇ كەسكىن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن. «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا بۇنىڭ ئاساسلىق جىنايەتچىلىرىنىڭ بىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قارشى ئېلىۋاتىدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بۇ ماقالىدە «ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاخىرىقى ئىككى يىلدا 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا مەسئۇلدۇر» دېيىلگەن.

ماقالىدە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن رايىنخارد بۈتىكۆفېر ۋە مىرىيام لېكىسماننىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يەنىلا زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدا بىۋاستە رولى بولغان بىر شەخس بىلەن رەسمىي شەكىلدە ئۇچرىشىشنىڭ ئاقىلانىلىق بولىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمىز» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە «خىتايدىن كېلىدىغان بۇ ياۋۇز ئالۋاستىنىڭ زىيارىتىدىن قاتتىق شۈركەنگەن» د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە يىتەكچىلىك رول ئويناۋاتقان ئەركىن تۇنىياز بىلەن ئۇچرىشىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ ۋە بۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىسىگە ئورۇن بەرگەن.

ماقالىدا يەنە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان ئەركىن تۇنىياز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى كىشىنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ يالغۇز ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ پىرىنسىپلىرى ئۈچۈن ھاقارەت ۋە نومۇس بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاقتتۇر» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.