ئىلھام توختىغا ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى بېرىش قارار قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.05.08
ilham-toxti-yalghuz.jpg مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى.
AP

مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى بېرىش قارار قىلىنغان.

ئامەرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەركىنلىك سارىيى 1943-يىلدىن باشلاپ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ كەلگەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىللىق مۇكاپاتقا 3 كىشى ئاخىرقى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا، «لېدىرلىق مۇكاپاتى» نىڭ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ پرېزىدېنتى براد سىمىسقا، «تونۇش ئۆستۈرۈش مۇكاپاتى» نىڭ تېگى مىسىرلىق بولغان ساتىرىك ئەسەرلەر يازغۇچىسى ۋە كومېدىيە ئارتىسى باسسەم يۈسۈپكە لايىق كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 8-ماي كۈنى كەچ سائەت 6 يېرىمدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ۋە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن.

بۈگۈن، يەنى 8-ماي چۈشتىن كېيىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جەھۋەر ئىلھام ئۆزىنىڭ بۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا دادىسى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن مۇراسىمغا قاتنىشىپ سۆز قىلىدىغانلىقىنى ۋە دادىسىغا بېرىلگەن مەزكۇر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ھاياجانلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختىغا «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم قىلىنغان دادىسى ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئويلىغىنىدا يەنىلا ئازابتىن خالىي بولالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ «ئەگەر ھەممە ئادەمنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولغان بولسا، بۇنداق بىر مۇراسىم ئارقىلىق “ئەركىنلىك مۇكاپاتى” تارقىتىشقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى. مەن مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن،» دېدى.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرشىچە، مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى مۇددەتسىز قاماققا ئېلىنغاندىن بۇيان غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى تەلەپ قىلىش سادالىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان، ھەتتا بارغانچە كۈچەيگەن. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خەلقئارالىق نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىغا داۋاملىق كۆرسىتىلىشى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان، خىتاي بۇنىڭدىن بارغانچە بىئارام بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

ئەنۋەر جان ئەپەندى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى يېقىندا يەنە ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بولغان «ۋاسلېۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ 2019-يىللىق نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ۋاسلېۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» 2013-يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىدە تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتتۇر. مۇكاپات سوممىسى 60 مىڭ ياۋرو دەپ بېكىتىلگەن مەزكۇر مۇكاپات 1989-يىلى شەرقىي ياۋروپادا كوممۇنىزم لاگېرىغا خاتىمە بېرىلگەن مەزگىلدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان شۇنداقلا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ كوممۇنىزم تۈزۈمى غۇلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى پرېزىدېنتى ۋاسلېۋ خاۋىل نامىغا 2013-يىلى تەسىس قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنى «ۋاسلېۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ يەنە بىرى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىم ئىكەن.

شېڭ شۆ خانىم ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختى ئەپەندىنى «ۋاسلېۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل مۇكاپاتلار بىر جەھەتتىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.»

شېڭ شۆ خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى تىپىك بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. شۇڭا ھازىر ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر خەۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن. ھازىر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. مەن بۇ مەسىلىدە بەكمۇ كېچىكتى دەپ قارايمەن. ئۆز بايانلىرىمدا ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىي بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندىكىلەردىنمۇ قورقۇنچلۇق ھالەتتە. مەن ئۆز نۇتۇقلىرىمدا مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى يالغان تىنچلىق ۋەزىيىتى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىنمۇ قورقۇنچلۇق دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتىم. مەن يەنە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتى دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان شارائىتتا ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ، ئەمما ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوق.»

شېڭ شۆ خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل زور كۆلەملىك «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» قا قارىتا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى جىددىي ۋە ئەمەلىي تەدبىر كۆرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.