«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولغان
2020.09.25
24-سېنتەبىر «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» (OFF) نىڭ 12-قېتىملىق يىللىق يىغىنى باشلاندى. «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «داغدۇغىلىق كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى» دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ يىغىن كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى توردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 24-25-سېنتەبىر ئىككى كۈن داۋام قىلغان.
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» باش شتابى نيۇ-يوركتىكى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» (HRF) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر فوندنىڭ رەئىسى سور خەلۋورسېن ئېچىلىش سۆزى سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى، بۇ مۇنبەرنىڭ ئاشۇ مىليونلىغان ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن دەس تۇرغانلارنى بىر يەرگە يىغىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«كىشىلىك ھوقۇق فوندى» ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بەرگەن باياناتىدا، ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆتكەن ئالتە ئايدىكى ۋىرۇس ئاپىتىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ تراگېدىيەسىنى ئۆزلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چىرىك ھاكىمىيەتلەر COVID-19 دىن پايدىلىنىپ، سۆز ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويدى، تىنچ نامايىشچىلارنى قولغا ئالدى ۋە باشقىچە پىكىردە بولغانلارنى جىمىقتۇردى. ‹بەرداشلىق بېرىش› ناھايىتى مۇھىم. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ‹ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى› دىن پايدىلىنىپ، بىرلىكتە ئىرادىمىزنى كۈچەيتىش.»
مەزكۇر مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئاخبارات خادىملىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار بار ئىكەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا، خوڭكوڭ «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ لىدىرى نايسېن لوۋ قاتارلىقلارغا ئاساسلىق سۆزلىگۈچىلەر قاتارىدىن ئورۇن بېرىلگەن. گۈلچېھرە خوجا بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ دىققەت تارتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «1 مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇر خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا سولانغان. بۇ ھەر ئون ئۇيغۇرنىڭ بىرى قاماقتا دېگەنلىكتۇر. نۆۋەتتە ۋەتىنىمىزدە مىڭدىن ئارتۇق جازا لاگېرى بار. ئەمدى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دېموكراتىك دۆلەتلەر ھەرىكەتكە ئۆتتى. ‹يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى› دىن خەۋەردار كىشىلەر ‹قايتا تەكرارلانمىسۇن› دېيەلەمسىز؟ ياكى خىتاي ۋەدە قىلىۋاتقان سودا مەنپەئەتى ئالدىدا سۈكۈتنى تاللامسىز؟ تاللاش سىزدە.»
ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مۇنبەردە سۆز قىلغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دەك مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاخبارات خادىمىنى بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىرىشىنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى› ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت تارتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. گۈلچېھرە ئۇيغۇر ۋە ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشتە سىمۋوللۇق رول ئوينايدۇ.»
سۆزلىگۈچىلەردىن كېيىن ھەر خىل تېمىلاردا مۇنازىرە ئورۇنلاشتۇرغان. ئارىلىقتا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تاللانغان مۇزىكا-سەنئىتىدىن ئارىيە بېرىلگەن بولۇپ، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» بىرىنچى دەم ئىلىش ئارىلىقىدا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان «مۇقامدىن ئارىيە» نى ئورۇنداپ، يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە بۇ قېتىملىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇر، خوڭكوڭلۇقلار قاتارلىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنى ئالدىغا چىقىرىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىنكاسىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارايمەن.»
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 25-سېنتەبىردىكى بۆلۈمىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىگە يەنە ئالاھىدە يەر بېرىلگەن. ئاكتىپ پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلغان «بازفىد» مۇخبىرى مېگا راجاگۇپالان ۋە DW خەۋەر تورىنىڭ مۇخبىرى مىلىسسا چەن قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشنى قىسقا بىر فىلىم ئارقىلىق ئاڭلاتقان.
2020-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئافرىقادىكى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ خورلۇققا ئۇچراش مەسىلىسىدىن تارتىپ، ئامېرىكادىكى «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قەدىرلىك» نامايىشىغىچە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەر ئىككى كۈندە چۈشتىن بۇرۇن ئاساسلىق سۆزلىگۈچىلەرنى مەلۇم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، چۈشتىن كېيىن ئاشۇ مەسىلىلەر ئىچىدىكى خەلقئارانىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن بىر قانچە نۇقتا ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.
كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى مەزكۇر مۇنبەر ئاساسلىق تېمىلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈچەپ تىلغا ئېلىشتىن باشقا، 24-سېنتەبىر «خىتاي بىلەن سودا قىلىش»، «خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدا، 25-سېنتەبىر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە يەر شارى مودا كىيىم تەمىنلەش زەنجىرى» دېگەن تېمىلاردا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
«كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ باش قانۇن ۋەكىلى خاۋىيىر ئەلخەيىگى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ نىشانى ۋە بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇنقا قويۇلۇشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى› نىڭ ھەر يىلقى نىشانى ئوخشاش، يەنى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، مۇستەبىت ھاكىمىيەنىڭ زۇلۇمىغا قارشى چىققان باتۇر كىشىلەرگە سەھنە ھازىرلاشتۇر. بۇ قېتىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىكتاتور سىياسىتىنى ئاڭلاتقان بىر قانچە كىشىنى تەكلىپ قىلدۇق. مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قاماقلىق، ئۇلارغا ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچلەنگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانى سۈكۈتتە تۇرۇشقا قىستاۋاتىدۇ. بىز-‹ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى› ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى بۇ مۇنبەردە ئاڭلىتىشتىن توختاپ قالمايمىز. چۈنكى بىز خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا دىققەت تارتىشقا تىرىشىمىز.»
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» (OFF) نيۇ-يوركتىكى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن 2009-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» گە تەكلىپ قېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ھەر يىلى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۆزلىرى شاھىت بولغان كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇنازىرە قىلىدىكەن.