ئەركىنلىك سارىيى ئامېرىكالىقلارنى خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا ئويلىشىپ ئىش قىلىشقا چاقىردى
2019.04.23

ئەركىنلىك سارىيى ئامېرىكالىقلار خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا ئويلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن داخۇئا تېخنولوگىيە شىركىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرى قۇرۇپ، 2 مىليوندەك مۇسۇلماننى قامىشى، شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك ۋە نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىشىدا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان تېخنىكا شىركەتلىرىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى بىخەتەرلىك كامېراسىنىڭ 3 دەن بىر قىسمىنى تەمىنلەۋاتقان يۇقىرىقى ئىككى شىركەت، 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەقىبلەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشىغا ياردەم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىليارد دوللارلىق ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئېرىشكەن. بۇ توختام ئۇيغۇر رايونىنىڭ خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىكى مەسچىت، مەكتەپ، يول، مەھەللە ۋە ئىدارە-جەمئىيەت، تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يۈز تونۇش كامېراسى ئورنىتىش پىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. نۆۋەتتە، بۇ ئىككى شىركەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىغا ئۇچرىماقتا.
يېقىندا ئامېرىكىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارىئون سىمىت «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكالىقلارنى خەيكاڭ ۋە داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرغان. مارىئون سىمىت ئامېرىكىلىقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ئۇلارنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورلۇقنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى ئىككى مۇھىم پېنسىيە فوندىنىڭ قولىدا خەيكاڭ ۋە داخۇئا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى بارلىق مەلۇم ئىكەن. ھالبۇكى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دىكى ماقالىنىڭ يۇقىرىقى پېنسىيە فوندلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
كالىفورنىيە ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فوندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خەيكاڭ شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. بۇ ئۇچۇرنى مەزكۇر فوندىنىڭ باياناتچىسى مىشېل مىسېدۇ 23-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىدى. ئۇ، مەزكۇر فوند ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مىشېل مىسېدۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ نۇقتىدا، ھەممىنى ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيمىز. شىركەتكە ئالاقىدار بۇ ئىشنى دىققەت بىلەن تەكشۈردۇق. بىز شىركىتىمىزنى ئىدارە قىلىۋاتقان مۇدىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، باشقۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرىمىزنى سۆزلەشتۇق، شۇنىڭدەك يەنە بىزنىڭ مەبلىغىمىز دۇچ كېلىدىغان خېيىمخەتەرگە ئالاقىدار ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ چۈشەنگەن بولدۇق. بىز ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىمىز ۋە بىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىدە بولۇپ تۇرىمىز.»
لېكىن مىشېل مىسېدۇ، خەيكاڭ شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى دەرھال سېتىۋېتىش ياكى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش پىلانى بار-يوقلىغىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا: «مەن يۇقىرىدا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرەلمەيمەن» دەپ كۆرسەتتى. «نيۇ-يورك ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فوندى» نىڭ 26 مىڭ خەيكاڭ پاي چېكىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ياكى سېتىۋەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر پېنسىيە فوندىنىڭ ئاممىۋى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جون كوردىلا 23-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ: «سىلەر خەيكاڭنىڭ پاي چېكىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتامسىلەر ياكى سېتىۋەتتىڭلارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا، «مەن بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئاندىن سىزگە بىر نېمە دېيەلەيمەن. لېكىن بىزنىڭ پوزىتسىيەمىزدە ئىندىۋىدۇئال پاي چېكى توغرىلىق سۆزلىشىمىزگە بولمايدۇ. بولمىسا مەن بۇنى تەكشۈرۈپ سىزگە جاۋاب بېرەتتىم. بىز بۇ پاي چېكىنى ئۆتكەن يىلى تۇتۇپ تۇردۇقمۇ ياكى بۇ يىل تۇتۇپ تۇردۇقمۇ، بۇ ماڭا مەلۇم ئەمەس.»
لېكىن جون كوردېلا يەنە «نيۇ-يورك ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فوندى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتكە دائىر خەۋەرلەرنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «خەيكاڭ شىركىتى» نىڭ مەزكۇر رايوندا تەقىبلەش سىستېمىسى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
خەيكاڭ ۋە داخۇئا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقىنىغا خېلى بولدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو، خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقلىرىنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىلىقلار خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا ئويلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ 23-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەبلەغ سالغۇچىلار مەسىلىسىدە، ئۇلارغا نىسبەتەن مەبلەغ سالغان كارخانىنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشى بەك مۇھىم. بولۇپمۇ خىتاي كارخانىلىرى جۈملىدىن تېخنولوگىيە كارخانىلىرى بەك غەلىتە. چۈنكى، ئۇلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك شىنجاڭ ياكى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى تەقىبلەشكە مەلۇم دەرىجىدە ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. بۇ جايلاردا خىتايدىكى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلىنماقتا. شۇڭا، مەن مەبلەغ سالغۇچىلار پۇلىنى بۇ خىل كارخانىلارغا سالغاندا ئويلىشىپ ئىش قىلىشى، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ پۇل تېپىۋاتقان كارخانىلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.»
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى پېنسىيە فوندىغا پۇل قويۇۋاتقانلار پېنسىيە فوندىنىڭ مەبلەغنى قايسى شىركەتلەرگە سېلىۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ «ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ بۇنى قىلىشى بەك ئاسان. ئۇلار بۇ فوندلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مالىيە مەسلىھەتچىلىرىگە ‹بۇ خەۋەردە خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى بىگۇناھ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان ئىشلار يېزىلىپتۇ، مەن بىزنىڭ فوندنىڭ بۇ شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن›، دېسە بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم مالىيە مەسلىھەتچىلىرى خېرىدارلارنىڭ بۇ گېپىنى دىققەتكە ئالىدۇ. مانا بۇ شەخسلەر قىلالايدىغان ئىشلار.»
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتى» دىكى مارىئون سىمىتنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خەيكاڭ، داخۇا شىركىتىدەك كارخانىلارنى قوللاشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن فوندلار خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ خېرىدارلىرىغا ئېيتمايدىكەن. مارىئون سىمىت 18-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى سىزنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تېررورلۇقنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، نيۇ-يورك ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فوندىنىڭ قولىدا خەيكاڭ شىركىتىنىڭ 26 مىڭ پاي چېكى، كالىفورنىيە ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فوندىنىڭ قولىدا 4 مىليون 300 مىڭ پاي چېكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.