يېقىندا ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا تۇرۇپ قىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم سىياسىتىنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمى ھەققىدە بىر ئەتراپلىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغانىدى. «ئامېرىكادىمۇ بىخەتەر ئەمەس: ئامېرىكا تۇپراقلىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ دوكلاتتا ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، دېموكراتلار، ئۆكتىچىلەرلەرنىڭ ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتلەردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەھدىت، پاراكەندىچىلىك سېلىش، نازارەت قىلىش، پېيىغا چۈشۈش ۋە ھەتتا جىسمانىي ھۇجۇم قاتارلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى تەپسىلىي يورۇتۇلغان. دوكلاتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمى تەشكىل قىلغانىدى.
مانا بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان جىددىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى چاقىرغان.

15-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش خەۋپى ۋە بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا قىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىگە قانداق ئاماللار ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەنە قانداق خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىف مېركىلىي ئەپەندى (Jeff Merkley) يىغىندا قىلغان ئېچىلىش سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر، خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋە باشقىلارغا قىلىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمىنىڭ ئەركىنلىك سارىيى ئۆز دوكلاتىدا قەيت قىلغاندەك، دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ، يەرشارىۋى ۋە كەڭ كۆلەملىك» لىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، خىتاينىڭ بىۋاسىتە تەھدىت سېلىش، پاراكەندە قىلىش، نازارەت قىلىش، يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق بېسىم قىلىش، پېيىغا چۈشۈش ۋە ھەتتا جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندىن سىرت، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى (INTERPOL) نى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي سۆزىدە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھۆكۈمەت، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە، خەزىنە، سودا قاتارلىق تارماقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، دۇنيا مىقياسىدا تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەزكۇر دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىلىرىنىڭ خەلقئارا سىستېمىدا ئومۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئالاقىلەرنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئارقىدىن يىغىندا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن (James McGovern) سۆز قىلغان. ئۇ ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا تۇرۇپ يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەققىدە توختالغاندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى مەخسۇس تىلغا ئالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق پاكىتلارنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى ئۇيغۇر ئامېرىكالىقلارنىڭ ھوقۇقلىرى بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى بويىچە قوغدىلىدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى تۇغقانلىرىنى جازالاش ئارقىلىق ئۇلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. گۈلچېھرە خوجا، 2018-يىلى مانا بۇ كومىتېتقا گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆزىنىڭ ئون نەچچە تۇغقىنىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان جازا لاگېرلىرىغا تۇتۇلغانلىقىدىن ئەمىنلىكىنى ئېيتقان»
ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇقى سۆز تېمىسى بولغاندا ھەدەپ ئىگىلىك ھوقۇقنى پەش قىلىدىغان خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك دىققەت قوزغالغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالار بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۇزرا زىيا خانىم ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ (U. S. Department of Homeland Security) خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى سېرېنا خوي خانىم تەكلىپ قىلىنغان.
ئالدى بىلەن يىغىندا ئۇزرا زىيا خانىم سۆز قىلدى. ئۇ خۇددى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن يېقىندا قىلغان سۆزىدە «خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى سىناق» دەپ تەسۋىرلىگەندەك خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمىنىڭمۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ، كەڭ تارقالغان باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، تەھدىتنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسىرىنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ بۇنىڭدا «پۈتۈن ھۆكۈمەت ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئىستىخباراتلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بۇنداق ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى كېرەكلىك مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەش، جاۋابكارلىققا تارتىش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى» ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى، خوڭكوڭلۇقلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇزرا زىيا خانىم يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى سۆزلەپ چىققان جەسۇر كىشىلەرنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ يەنە ۋىزا چەكلىمىسى، مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان تېخنىكىلارغا قارىتىلغان ئېكسپورت كونتروللۇقى ۋە ئەلۋەتتە ئامېرىكىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئەرز قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇزرا زىيا خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۈچىنچى دۆلەتتىن قايتۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە قارشى خەتەر ئاستىدىكى شەخسلەرگە دىپلوماتىيەلىك قولايلىق يارىتىش ياكى شۇ 3-دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ شەخسلەرنىڭ قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.
ئارقىدىن يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى سېرېنا خوي سۆز قىلغان. سېرىنا خانىم سۆزىدە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمىغا مىسال سۈپىتىدە ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى كۆرسەتكەن.
سېرېنا خانىم سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى بىلەن داۋاملىق ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سېرىنا خانىم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنى تىلغا ئالغاندا مۇنۇلارنى دېگەن: «ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تور ھۇجۇملىرىغا، تەھدىتكە، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان پاراكەندىچىلىككە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن داۋاملىق ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدى. بەزى شەخسلەر بولسا خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تەشۋىقاتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر دىئاسپورا تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلخەتلىرى تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەخسلەرنى ياللاپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتايغا پايدىلىق بولمىغان نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە، خوڭكوڭلۇقلارغا ۋە باشقا كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالدى. ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكادا ياشايدىغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرى دائىم ئۆچ ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە چېگرادىن چىقىشنى چەكلەش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. . . .»
سېرېنا خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز قارمىقىدىكى ھەرقايسى تارماقلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە باشقىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىشلىرىنى تېزلىتىش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سېرىنا خانىم يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق جامائەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىمۇ كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىسقىسى سېرىنا خانىم ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق ئاماللار بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تولۇق ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
مەزكۇر يىغىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ئېتىلغان ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ يىغىننى قارشى ئالدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇمىنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە جىددىيلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنى، سىياسەتچىلەرنى ۋە ئادەتتىكى پۇقرالارنىمۇ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىشقا چاقىرغان.