ئەسىر ھالقىغان لايىھە: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ باش-ئاخىرى» (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.18
JamesMillword-DahliaPeterson-ChinasSystemOfOppression.png جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى داليا پېتېرسون ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇم سىستېمىسى: ئۇنىڭ باشلىنىشى ۋە چەكلىنىشى» ناملىق تەتقىقات دوكلاتى.
brookings.edu

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇنى كەسكىن تەنقىدلەش چۇقانلىرى ئىچىدە يەنە بۇنىڭدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ سوئاللارنىڭ بىرى نۆۋەتتە كۆپلىگەن ساھە بىردەك «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان زور پاجىئە دۇنياغا مەلۇم بولغىچە بۇنىڭ قانداقلارچە دىققەتتىن خالىي قالغانلىقى بولدى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان بروكىڭ ئىنستىتۇتى دەل مۇشۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس، جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى داليا پېتېرسوننى بۇ ھەقتە بىر تەتقىقات دوكلاتى تەييارلاشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ تەلەپ بويىچە 14-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇم سىستېمىسى: ئۇنىڭ باشلىنىشى ۋە چەكلىنىشى» ناملىق دوكلاتتا بۇنىڭدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرگە تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن جاۋاب بېرىلدى.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي كىرىزىس گەرچە 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭ ماھىيەتلىك يىلتىزى ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىن ئەسىرلەر ئىلگىرىلا بىخ تارتقان ئىكەن. بولۇپمۇ مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ 1758-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىنى بېسىۋېلىشى بىلەن ئۇلار بۇ رايوننى يەرلىك بەگلەرنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن. ئەمما دەماللىققا بۇ رايوننى مۇستەملىكەلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلمىغان. چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە چىڭ ئىمپېرىيەسى «شىنجاڭ» دەپ يېڭىدىن نام قويۇلغان بۇ زېمىننى خىتايلاشتۇرۇشقا رەسمىي يوسۇندا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولغان ھەمدە بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي دېھقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا قايتىپ كەتكەن. ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ 1940-يىللىرىغا كەلگەندە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا پۇتىنى تىقىشقا ئۈلگۈرگەن ھەمدە تېزدىن بۇ رايونغا بىر مىليون خىتاي كۆچمەننى كۆچۈرۈپ، ئومۇمى نوپۇسى شۇ ۋاقىتتا تۆت مىليونچە بولغان بۇ رايوننى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشكە ئىنتىلگەن.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى چىڭ ئىمپېرىيىسى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئىجرا قىلغان تەدبىرلىرىگە سېلىشتۇرۇشۇمدا مەن بۇ تەدبىرلەر ۋە سىياسەتلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ داۋام قىلدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئۈزۈكچىلىكلەر بولغان. دەرۋەقە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. شىنجاڭغا خىتايلارنى كۆچۈرۈش ئىشى ئەمىلىيەتتە مانجۇلارنىڭ چيەنلوڭ ئىمپېراتورى زامانىسىدا سىچۇەندىكى نامرات خىتايلارنى كۆچۈرۈشتىن باشلانغان. ئۇلار ئۈرۈمچى ۋە تەڭرى تاغنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جۇڭغارىيە ۋادىسىغا كۆچۈرۈلگەن. ئەمما گومىنداڭ دەۋرىدە بۇ خىل زور نوپۇس كۆچۈرۈشكە ئانچە چوڭ ئىمكان بولمىغان. گەرچە يالتا يىغىنىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن بىر مۇھىم قەدەم ئېلىنغان بولسىمۇ يەنە بىر ياقتىن شىمالدىكى ئىلى رايونىدا ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بۇ ئىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمىغان. يەنە كېلىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق زور كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈرۈشنى تاماملىغۇدەك ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ھەمدە شىنجاڭنى تولۇق كونترول قىلغۇدەك سىياسىي قۇدرىتى بولمىغاچقا بۇ ئىش شۇنداق تاشلىنىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بولسا قەدىمكى زاماندىكى ‹لەشكەرلەرنىڭ بوز يەر ئېچىشى› ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىن ئىلھاملىنىپ ئاخىرقى ھېساپتا مۇستەملىكەلەشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋاستىسى بولغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى قۇرۇپ چىقتى.» 

جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكۈزىۋالغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى سىرلىق ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىي تىللىق يەرلىك كادىرلاردىن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان» بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تاللاپ، يېڭى رەھبىرىي كوللېكتىپ ھاسىل قىلغان. بۇ ئىشلارنى تاماملىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى گومىنداڭ قالدۇق قوشۇنلىرىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەشكىللەپ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نامىدىكى يېڭى مۇستەملىكە ئاپاراتىنى بەرپا قىلىپ چىققان. ئەنە شۇندىن كېيىنلا خىتايلارنىڭ نوپۇس كۆچۈرۈش ئارقىلىق بۇ رايوننى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن بۇيانقى 50 يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق مەيدانى، سانائەت كارخانىلىرى، ئەمگەك لاگىرى، تۈرمە ھەمدە يېقىنقى مەزگىللەردىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» قاتارلىق مۇئەسسەلەرنى بەرپا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى راۋرۇس مۇستەھكەملىگەن.

ھالبۇكى، بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى تەقسىماتتا بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر تەڭسىزلىك ھادىسىلىرىنى، شۇنىڭدەك يەرلىك خەلق بولغان ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى يەكلىنىپ بىر چەتكە چىقىرىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن بۇ خىل تەڭسىزلىك، يەكلەش ۋە چەكلەشكە نىسبەتەن تۈرلۈك قارشىلىق ھەركەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى دەرھاللا 2000-يىللىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان «تېرورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش» نىڭ شامىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى بىردەك «تېرورلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇشقا كىرىشكەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دېدى: «كىشىلەر ھەرقاچان شىنجاڭ رايونىدا توختىماستىن ۋەقە چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ ئەھۋال ھازىر بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياكى كومپارتىيەسىگە قارشى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە بىر قىسىم ھادىسىلەر قارىماققا ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ 1998-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان مەزگىلگە قارايدىغان بولساق بۇنىڭ تىنچ بىر دەۋر بولغانلىقىنى بايقايمىز. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن كېيىنكى ئون يىلغا قارايدىغان بولساق، بولۇپمۇ لاگىرلار باشلانغىچە بولغان مەزگىلدە نارازىلىق ۋە قارشىلىقنىڭ يۈكسىلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇ ئارىلىقتا بېيجىڭ، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلاردا تۆت قېتىملىق زورلۇق ھەركىتى يۈز بەردى. بەزى كىشىلەر بۇ ھادىسىلەرنى تېرورلۇق، دەپ قارىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرقانداق پىكرىنى بىردەك تېرورلۇق، دەپ قارىدى. بولۇپمۇ ئادەتتىكى نورمال دىنىي ئېتىقادنىڭ ھەممىسى تېرورلۇقنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى. بۇنداق خاتا دىئاگنوز تېخىمۇ زور قارشىلىققا سەۋەب بولدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان بۇنىڭدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە قاراپ بېقىشنى خالىمىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ دىن بىلەن باغلىنىشلىق بارلىق پائالىيىتى ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇق بولۇپ قالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارشىلىق ۋە نارازىلىقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىگە ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان ئىنكاس ئىكەنلىكىنى كۆرمىدى.»

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، ھەرقېتىم مۇشۇ خىلدىكى ئاتالمىش «تېرورلۇق» ۋەقەلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «تەرەققىياتى» ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ سالغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ كەلگەن. بولۇپۇ 2000-يىلى باشلانغان «غەرپنى زور كۆلەمدە ئېچىش» قۇرۇلۇشى بۇنىڭدىكى ئەڭ زور مىسال بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، بۇ جەريانغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ نېفىت قېزىش، تۆمۈر يول ياساش، پاختا مەھسۇلاتىنى كېڭەيتىش ۋە باشقا ھۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي غول تومۇرىغا «جان قوشىدىغان» تۈرلەرگە سەرپ قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك خەلققە بۇنىڭ قىلچىلىك مەنپەئەتى يەتمىگەنلىكىنى كۆرۈش يېتىش مۇمكىن ئىكەن.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مەن بۇ خىل پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بىردىن-بىر كىشى ئەمەس. چۈنكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسلەر بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۆتكەنكى مەزگىللەردە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئامىلىنىڭ رولى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتتى. ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار تەدبىرلەر تۈزۈپ چىقىلدى. ئەنە شۇنىڭ ئەڭ چوڭى 2000-يىللاردا ‹غەربنى زور كۆلەمدە ئېچىش› دېگەن نامدا ئوتتۇرىغا چىقتى. 2010-يىلىغا كەلگەندە ‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش› نامىدا يېڭى پروگرامما باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن مىليارد-مىليارد سوم مەبلەغ قىلىپ سېلىندى. ئەمما بۇنىڭدا بىز دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، شىنجاڭدىكى بۇ تەرەققىياتنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردىن تارتىپلا بىڭتۇەننى گۈللەندۈرۈش يولى بىلەن ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ‹تەرەققىيات› شوئارى ئاستىدا بىز بارلىق گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، يەنى بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ شەرقتىكى بېيجىڭ ۋە شاڭخەي دېگەندەك جايلار ئۈچۈن بولغانلىقىنى، ئەمما قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ھەقىقى مەنىدىكى تەرەققىياتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆردۇق. چۈنكى شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان بۇ ئۆلكە ۋە شەھەرلەر باي بولدى. ئەمما شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتدار بولغانلىقىدەك مەنزىرە بارلىققا كەلمدى.»

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زۇلۇم مۇكەممەل يوسۇندا ئىجرا بولۇشقا باشلىغاندا بولسا بۇنىڭ يەنە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا، جۈملىدىن غەرپ دۇنياسى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.