«بىلىك »ئۈندىدار سالونىنىڭ ساھىبى ئەسقەرجان غېنىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى
2023.08.03
ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللارغىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن «بىلىك»ئۈندىدار سالونىنىڭ ساھىبى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمان ئەسقەرجان غېنىنىڭ، يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغانىدى. ئەسقەرجان نوپۇسلۇق كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئەسقەرجاننىڭ نۆۋەتتە بايىنغولىننىڭ خېجىڭ، يەنى خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆتكەن ھەپتە تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بىلىك» ئۈندىدار سالونىنىڭ ساھىبى ئەسقەرجان غېنىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. ئۇنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئەسقەرجان غېنى 2002-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. بىر مەزگىل قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە كورلادىكى چەتئەل تىلى مەكتەپلىرىدە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئەسقەرجان غېنى 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن سەۋەبلىك بۇ مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاقالغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلىقتىن توختاپ، ئىنگلىزچە تەرجىمانلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2 ئاينىڭ ئالدىدا ئەسقەرجان غېنىنىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. بىز ئەسقەرجان غېنىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۇرتى كورلادىكى ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەسقەرجان غېنى كېيىنكى يىللاردا، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كورلانىڭ شاڭخۇ يېزىسىغا يەرلەشكەن ۋە «بىلىك» نامىدىكى ئۈندىدار سالونىنى باشقۇرغان. ئۇ بۇ تور بەتتە، بىر قىسىم ئىنگلىزچە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان، بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تارقاتقان. ئەتراپىغا بەلگىلىك ساندا ئوقۇرمەن ۋە پىدائىي خىزمەتچىلەرنى توپلىغان بۇ توربەت بۇلتۇردىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ تەكشۈرۈش ۋە زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ توربەتنىڭ يەنە بىر ساھىبى ئامېرىكادا ئوقۇپ قايتقان مۇتەخەسسىس تۇرسۇنجان بىلگە بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان شاڭخەيدىكى توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شاڭخۇ بازارلىق ساقچى خادىمى ئەسقەرجان غېنىنىڭ تۇردى ئەزىز ئىسىملىك يەنە بىر گۇماندار بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە خېجىڭ، يەنى بۇرۇن خوتۇنسۇمبۇل دەپ ئاتالغان ناھىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئەسقەرجاننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئەسقەرجاننىڭ دېلوسىغا ئارىلاشقان بىر رايون ساقچىسى، ئەسقەرجان غېنىنىڭ دېلوسىنىڭ تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئوخشاش بىر دېلوغا چېتىلىپ قەشقەر ۋە قاغىلىقتىن بىرقانچە گۇماندارنىڭمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر رايون ساقچىسى ئەسقەرجاننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات بېرەلمىدى.
«بىلىك سالونى» نىڭ ساھىبى، كورلادىكى ئىنگلىزچە تەرجىمان ئەسقەر غېنىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.









