مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلان: «ئەتكەسچىلەرنىڭ ساختا گۇۋاھلىقى بىلەنلا بېشىمىزغا ‹تېرورچى› قالپىقى كىيدۈرلدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.11.27
مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلان: «ئەتكەسچىلەرنىڭ ساختا گۇۋاھلىقى بىلەنلا بېشىمىزغا ‹تېرورچى› قالپىقى كىيدۈرلدى» ئەخمەت بوزئوغلان (ئالدىدا) تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ شىمالىي جاكارتا رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 29-ئىيۇل، ھىندونېزىيە.
AFP

ئۇيغۇر مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى (3)

ھىندونېزىيەدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئەخمەت بوزئوغلان ئۆزلىرىنى تۈركىيەگە يولغا سالماقچى بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ سوت كۈنى ئۇلار ئۈستىدىن «تېرورلۇق گۇرۇھىغا قېتىلغىلى ماڭغان» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يالغان گۇۋاھلىقتا خىتاي تەرەپنىڭ قولى بار دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەخمەت بوزئوغلان، شۇ كۈنىدىكى سوتتا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن تەرجىمانىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى يېتەرسىز ۋە زىيانلىق تەرجىمە قىلغانلىقى، ئادۋوكاتنىڭ بولسا باشتىن-ئاخىر پاسسىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

سوئال: سىلەر شۇ تۇتۇلۇپ قالغان كۈنىڭلار قانداق بىر مەيداندا، نېمە ئىش ئۈستىدە تۇتۇلدۇڭلار؟

جاۋاپ: تۈركىيەگە ماڭغىچە ئارىلىقتا پاناھلىنىپ تۇرىدىغان، خىراجىتى ئازراق بىر يەرگە يۆتكىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئىدۇق.

سوئال: شۇ كۈنى سىلەرنى پاناھلىنىدىغان جايغا ئەكىتىۋاتقان كىشىلەر، سىلەرنى تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولغان كىشىلەر شۇمۇ؟

جاۋاپ: شۇ، شۇنداق.

سوئال: سىلەرنىڭ «رادىكال گۇرۇپپىلار» بىلەن ئالاقەڭلار بارلىقىغا ئائىت ھىندونېزىيە تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلار نېمە؟

جاۋاپ: بىزنى ماشىنا بىلەن ئېلىپ ماڭغان كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى بار ئىكەن. ئۇلار بىر يەرگە كەلگەندە ساقچىلارنى كۆرۈپ بىزنى ماشىنىدىن چۈشۈردى ۋە مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭلار دېدى. بىز شۇ يەردىكى بىر دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇلارنى ساقلاپ ئۇزۇن ئولتۇردۇق، بىر چاغدا ئۇلار تۇتۇلۇپتۇ، ئاندىن ساقچىلار كېلىپ بىزنىمۇ تۇتتى. ئۇلار سوتتا بىزنى «بۇ كىشىلەر ‹تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى› غا قاتناشماقچى بولغان، شۇنى خالىغان، بىز ئۇلارنى شۇ يەرگە ئېلىپ ماڭغان» دەپ گۇۋاھلىق بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە گېپى ئېغىر بېسىپ كەتتى دەپ ئويلايمەن. . . ئۇلارنىڭ شۇ گېپى بىلەن بىزنى تېرورلۇققا باغلاپ كېسىۋەتى.

سوئال: بۇ شوپۇرلار ھىندونېزىيەلىكلەر بولامدۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق.

سوئال: سىز سىلەرنى تۈركىيەگە يولغا سالماقچى بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلىقىڭلارنى دېدىڭىز، ئەمىسە، سىلەر بۇلارنى كىم دەپ پەرەز قىلغان ئىدىڭلار شۇ كۈنلەردە؟

جاۋاپ: بىز بۇلارنى قاچاقچىلار دەپ بىلىمىز ۋە پۇل بەرسەك بىزگە ياردەم قىلىدۇ دەپ ئىشىنىمىز، ئۆزلىرىمۇ بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ يولغا سالغانلىقلىرىنى دېگەن.

سوئال: ئۇلار ئىنگىلىزچە بىلەمدۇ-بىلمەمدۇ؟

جاۋاپ: ئازراق بىلىدۇ، مەنمۇ ئازراق بىلىمەن. مەن ۋەتەندە 3 ئاي ئىنگىلىزچە كۇرسقا قاتناشقان، تۇرمۇشقا ئائىت ئاددىي گەپلەرنى ئازراق قىلالايمەن.

سوئال: ئۇلارنىڭ ئىنگىلىزچىسى سىزنىڭكىدىن ياخشىمىكەن؟

جاۋاپ: مېنىڭكىدىنمۇ ناچار.

سوئال: ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا بىر گەپ ئۇقۇشماسلىق بولغان، ئۇلارنىڭ سىلەرنى نەگە بارىسىلەر دېگەن گېپىگە بەرگەن جاۋابىڭلارنى خاتا چۈشىنىپ قالغان. نەتىجىدە سوتتا خاتا گۇۋاھلىق بەرگەن ئېھتىماللىق بارمىدۇ؟

جاۋاپ: مەن، خىتاي تەرەپنىڭ بېسىمى بىلەن ھىندونېزىيە ساقچىلىرى ئۇلارنى شۇنداق ئىقرار قىلدۇردى دەپ ئويلايمەن.

سوئال: شۇ گۇۋاھلىقتىن باشقا سىلەرنى تېرورلۇققا باغلىغان باشقا پاكىتلار بارمۇ؟

جاۋاپ: ھېچقانداق پاكىت يوق. ئەمما سوراق خاتىرەمدە ۋە سوتتا نېمىلەرنىڭ يېزىلغان ۋە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. چۈنكى تەرجىمان بىزگە توغرا تەرجىمانلىق قىلمىدى. ئىككى تەرجىمان بار، بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى تۈرك، تۈرك تەرجىماننى ھىندونېزىيە تەرەپ تەكلىپ قىلغان. ئۇيغۇر تەرجىماننى تۈرك كونسۇلى ئەكەلگەن. تۈرك تەرجىماننىڭ ئايالى ھىندونېزىيەلىك ئىكەن. ئۇ كىشى بىزنىڭ گېپىمىزنى بەك چۈشۈنۈپ كېتەلمىدى، ئۇ كىشى «بۇلار تۈرك ئەمەسكەن، تۈركىستانلىقلار دەپ بىر جامائەت بار، بۇلار شۇلارنىڭ ئادىمى. . . .» دېگەندەك بەك زىيانلىق گەپلەرنى قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتچىنىڭ گېپى بەك ئۇزۇن، بۇ كىشى پەقەت دېيىلگەنلەرنىڭ بەك ئاز قىسمىنى تەرجىمە قىلدى.

سوئال: سوتتا ئادۋوكاتىڭىز بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىدىمۇ؟ مەسىلەن، تەرجىمە خاتا ياكى تولۇق بولمىدى دېگەندەك؟

جاۋاپ: دېمىدى، ئادۋوكاتىمىزنىڭ ئىسىمىنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن، سوتتا بەك ئاز گەپ قىلدى.

سوئال: ئادۋوكات تەيىنلەنگەن ئادۋوكاتمۇ ياكى ئۆزۈڭلار تەكلىپ قىلغانمۇ؟

جاۋاپ: ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن ئادۋوكات. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلىمىزنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ياكى ھۆكۈمەت تەرەپتە بولغىنى ئۈچۈنمۇ، بىزگە بەك يېقىنلىشىپ كەتمەيتتى.

سوئال: ئادۋوكات بىلەن ئايرىم بىر ئەھۋاللىشىدىغان پۇرسىتىڭلار بولدىمۇ؟

جاۋاپ: ياق بولمىدى، سوتتىن كېيىن كۆرۈپ باقمىدىم.

سوئال: ئۇنداقتا، ئادۋوكاتىڭىز سىزگە تولۇق ۋەكىللىك قىلمىدى ياكى قىلالمىدى دېگەن گەپمۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق، شۇنداق بولدى. كەچۈرىسىز، ۋاقتىم توشۇپ قاپتۇ. . .

سوئال: بولىدۇ، يەنە بىر قېتىمدا كۆرۈشەيلى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ 2015‏-ئېچىلغان سوتقا قاتناشقان گۇۋاھچى، ئادۋوكات ۋە تەرجىمانلار ھەققىدىكى بايانلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.